تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى ۋە چۈشەندۈردى

شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنىدا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى، ئىجرا قىلغۇچىلىرىدىن بولۇپ، تۈزۈم نوپۇزىنى قوغداش، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن، يىراق كەلگۈسىنى كۆرۈش دائىرىسىدىن مەسىلىلەرنى ئويلىنىش، تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە خىزمەتلەرنى پىلانلاشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى، تۆۋەن چەك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ تۈزۈم ۋە قانۇندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا ماھىر بولۇپ، ئىلمىي مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن، ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككى يۈرۈش بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتنى پائال پىلانلاپ، قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ تۇتۇپ، كۈچەپ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرگۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى