تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتاي جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تىجارەت باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخەن، پىراكتىكانت مۇخبىر لو بېيبېي خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى تىجارەت باشلىدى، بۇ ئالتاي يېشۆ باغچىسى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇنجى قار تېيىلىشنى باشلىغاندىن كېيىنكى، بۇ يىل قىشتا شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى تىجارەت باشلىغان قار تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دە، يۈزدىن ئارتۇق شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارى ئاپئاق قار يولىدىن تېيىلىپ چۈشۈپ قار تېيىلىش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. ئۇلار ھەر خىل كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، ئاپئاق قار يولىنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزدى.

  ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لياڭ جىڭ مۇنداق دېدى: جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر شەھەر بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئېگىز تاغ قار تېيىلىش مەيدانى بولۇپ، تاغلىق رايوندىكى ئالتاي يېشۆ باغچىسى قار تېيىلىش مەيدانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاچقا كېيىنرەك ئېچىلدى.

  يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان تېمپۇراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى ئەڭ ياخشى قار ھاسىل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ يىل جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ قار ياساش سىستېمىسى يېڭىلاندى، نەچچە ئون قار ياساش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلدى، قار ياساش ۋاقتى ئۆتكەن ئىككى ئايدىن 15 كۈنگە قىسقاردى، ئىككى كۈن ئىچىدە قارنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قار تېيىلىش پەسلىگە تولۇق تەييارلىق قىلىندى.

   «مەن ئۇدا ئۈچ يىل باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ كەلدىم، قارغا تېيىلىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتىمەن. بۈگۈن مەن قار تېيىلىش مەيدانىدا <سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات>تىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىمەن» دېدى خۇنەندىن كەلگەن قار تېيىلىش ھەۋەسكارى يۈەن جۈن. 

  ئىگىلىنىشىچە، 2019 – يىلى، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش، دالىدا قار تېيىلىش، قىشلىق ئىككى تۈر، قار ئۈستى ماھارىتى ۋە ئايلانما، ئەركىن قار تېيىلىش، يەككە تاختىدا قار تېيىلىش قاتارلىق خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم قار تېيىلىش تۈرلىرى مەشىقى ۋە مۇسابىقە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، رايون بويىچە پىلانلانغان قار تېيىلىش كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون كۋادرات مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، يېڭىدىن 24 قار تېيىلىش يولى كۆپەيتىلىپ، تەخمىنەن 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يول ياسالغان، ئومۇمىي قار تېيىلىش يولى 51گە، ئۇزۇنلۇقى 41 كىلومېتىرغا يەتكەن.

  ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، جياڭجۈن تېغى تەنھەرىكەتچىلەر مەشىق ئېلىپ باردىغان ھەم ساياھەتچىلەر قار تېيىلىدىغان ئۇنىۋېرسال ئارامگاھ بولۇپ قالىدۇ. 2019-يىلى، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى يەنە قار تېيىلىش كىچىك بازىرى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، قار تېيىلىش مۇلازىمەت زالىنى كېڭەيتىپ، قار تېيىلىش ياتاق بىناسى، پۇقراۋى تۇرالغۇ، ئائىلە مېھمانخانىسى، قەھۋەخانا، قاۋاقخانا، ئارشاڭ مېھمانسارىيى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرماقچى. (سۈرەتلەرنى قار تېيىلىش مەيدانى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى