تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پەيشەنبە كۈنى شىنجاڭغا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يەنە يېتىپ كېلىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى) قىش پەسلى كىرگەندىن كېيىن، سوغۇق ئېقىمنىڭ كىرىشى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. 11- ئاينىڭ يېرىمى دىن كۆپرەكى ئۆتۈپ كەتتى، بۇ بىر قانچە كۈنلۈك ياخشى ھاۋادىن پايدىلىنىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قىشلىق چاقنى ئالماشتۇرۇۋېلىڭ.

بۈگۈن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمىدا ئازراق قار ياغقاندىن سىرت، شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃3، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃8- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈندە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ئاستا- ئاستا ئۆرلەيدۇ.

پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە يەنە قار ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃0 تىن تۆۋەن بولىدۇ.

سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، مۆلچەرلىنىشىچە، 11- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق قار ياغىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىدە 4 ~ 5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزىدا 9 بال بوران چىقىدىكەن، تېمپېراتۇرا ℃5~℃8 تۆۋەنلەيدىكەن. 

11- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى