تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ساياھەت + نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، كۆتۈرۈلگەن ئۈمىد ئۇچقۇنى

− ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (1)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بەي جىيۈ، جاۋ چۈنخۇا، خې لىڭ، ئازات يۈسۈپجان، لۈ يىخەن، تاۋ جىخاۋ

راۋاب ياڭرىدى، جاي - جايلاردىن كەلگەنلەر جەم بولدى! 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى قول ھۈنەرۋەن مامۇتجان راخمان ساياھەتچىلەرگە راۋاب چېلىپ بەرمەكتە ھەم گۇاڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەتچى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

(لى جېننەن سىزغان)

ئىلاۋە

نۆۋەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا كىردى، پۈتۈن شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كادىرلار، ئامما ھەم چوڭ ئىمتىھانغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ ھەم تەكشۈرۈپ سىناشنى كۈتۈۋېلىۋاتىدۇ. پىلان بويىچە، بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 12 ناھىيە، شەھەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىنىدۇ. مۇشۇ ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن تۆت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 12 ناھىيە، شەھەرگە نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق ۋە قەلىمى كۈچلۈك بولۇش جەھەتتىن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى جانلىق، تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش جەھەتتىكى خىزمەت نەتىجىلىرى، يارقىن نۇقتىلىرى ۋە تەجرىبە - ئىزدىنىشلىرىنى ئومۇمىي كۆرۈنۈش بويىچە نامايان قىلىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە «دوكلات باش شۇجى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار» مەخسۇس ئىستونى، مەخسۇس بېتى تەسىس قىلىندى، دىققەت قىلغايسىلەر.

ئەگەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى يارقىن نۇقتىلار خۇلاسىلەنسە، ئۇنداقتا ساياھەت مۇقەررەر ھالدا بىر ھالقىلىق سۆز بولۇپ قالىدۇ. مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى ۋە ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى، شۇنداقلا تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلاشقاندا، ساياھەت مۇلازىمەت كەسپىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. بولۇپمۇ ساياھەت بىلەن نامراتلارنى يۆلەشنى بىرلەشتۈرگەندە، ئاجايىپ خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، ئادەم يەنىلا ئەسلىدىكى ئادەم، يېزا - كەنت يەنىلا ئەسلىدىكى يېزا - كەنت، ئەمما تەرەققىيات يېڭى مەنزىلگە كىردى.

كوناشەھەر ناھىيەسىدىن ئىبارەت ساياھەت بايلىقى ئانچە مول بولمىغان بۇ تۇپراقتا، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە ئاممىدىن كەلگەن ھەرقايسى تەرەپ كۈچلىرى كاللىسىنى ئىشلىتىپ، قەتئىي بوشاشماي ئىشلەپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىلىرىنى يازماقتا.

 تېخىمۇ كەڭ كىرىم يولى

كەچ كۈزدە ئاق تېرەكلەرنىڭ رەڭگارەڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى، گەز دەرياسىنىڭ سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، قىرغاقتىكى ياغاچ چىتلاقلار قىزىل، سېرىق ۋە يېشىل رەڭدە سىرلانغانىدى، ئەگرى - بۈگرى كەتكەن دەريا ئېقىنىنى بويلاپ ئۇدا ماڭسىڭىز، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تاشمىلىق يېزىسى ئاياغ سېرىقئاتا كەنتىدىكى سۇ تۈگمىنىگە يېتىپ بارىسىز.

150 يىللىق تارىخقا ئىگە، بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت بولۇپ قالغان بۇ سۇ تۈگمىنى، ئىككى يىل ئىلگىرى باشقىچە بىر قىياپەتتە ئىدى. «ھېچكىم ئۇن تارتقىلى كەلمىدى، بىز پۇل تاپالمىدۇق؛ ئۈسكۈنىلەرنى ئوڭشاشقا پۇل بولمىغاچقا، تۈگمەن بارغانسېرى كونىراپ كەتتى» دېدى سۇ تۈگمىنىنىڭ 3 - ئەۋلاد ئىگىسى زۇنۇن ئەسلەپ.

«100 يىللىق تۈگمەن، تارتىدىغىنى ھېسسىيات، پەقەت سۈپەتلىك ماركا يارىتىلسىلا، ئۇ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولالايدۇ.» جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ ئاياغ سېرىقئاتا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى بەي شۆيۈەننىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، سۇ تۈگمىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ساقلاپ قېلىنىپلا قالماي، يەنە ئىمارەتنى لايىھەلەشتە تېخىمۇ روشەن مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرىكى ئېغىر نامرات كەنت بارغانسېرى ئاۋاتلاشتى. يۇرت - يۇرتلاردىن كەلگەن ئامما بوش ۋاقىتلىرىدا سۇ تۈگمىنىگە كېلىپ سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىدە توختاپ تۈگمەننىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىدىن ھۇزۇرلانغاچ، يەنە بىر نەچچە خالتا ئۇن سېتىۋالىدۇ. «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا ياردەملىشىپ مەخسۇس ئىككى كىلوگىراملىق ئۆلچەمدىكى ئۇن خالتىسى لايىھەلەپ بەردى، ئۇنىڭغا يەنە مېنىڭ باش سۈرىتىم بېسىلدى، مەنمۇ كەنتتىكى <چولپان>لاردىن بولۇپ قالدىم» دېدى زۇنۇن كۈلۈپ تۇرۇپ.

يەنىلا ئەسلىدىكى مەھسۇلات، يەنىلا ئەسلىدىكى تەم، ئەمما يىراقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئوخشىمايدىغان قىممەت يارىتىلدى. ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى كۈندىن - كۈنگە كېڭەيمەكتە.

10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى قول ھۈنەرۋەن راخمان ئابدۇللانىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى گۇاڭجوۋدىن كەلگەن 20 نەچچە ساياھەتچى بىلەن لىق تولدى. راخماننىڭ ئوغلى مامۇتجان راخمان راۋابنى شوخ پەدىگە چالدى، ساياھەت يېتەكچىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ دۇكانغا تىزىپ قويۇلغان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چالغۇلارنى تونۇشتۇردى. چوڭ - كىچىك چالغۇلار ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىچىك دېپى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋالدى، بىردەمدىلا بىر نەچچىسى سېتىلدى.

ساياھەتچىلەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدىن چىققاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى راخمانجان تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، يەرلىك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلاندى. ئايال ساھىبخانا تۇتىگۈل تۇرسۇن يېڭى، تاتلىق قوغۇن، ئۈزۈم ۋە نان بىلەن يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ھويلىدا يېيىتىپ قۇرۇتۇلغان چىلان پۈتۈن مەيداننىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى، ساياھەتچىلەر تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىلا زاكاز بەردى.

مەيلى يەر تېرىش، ئۇن تارتىش بولسۇن ياكى چالغۇلارنى ياساش ۋە ياكى تېخىمۇ چوڭ دائىرە ئىچىدە بولسۇن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بۇرۇنقى ئىزدا كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ساياھەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇلارنىڭ يىلمۇيىل قىلغان ئەمگىكى تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەردى. باشقا نۇقتىدىن قارىغاندا، ساياھەتچىلەر ئەڭ ياخشى مەھسۇلات ۋە ئەڭ ئۆزگىچە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولدى، ساياھەت كارخانىلىرى تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشتى، يەرلىكمۇ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچى توپلىدى، كۆپ تەرەپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى بىلەن، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك كۆپ تەرەپ پايدا ئېلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

 تېخىمۇ كۆپ كەسىپ سالاھىيىتى

نامرات رايونلاردىكى ئامما ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇزاق يىللار داۋاملاشقان مېخانىكىلىق تەكرار ئەمگەك ئۇلارنىڭ تونۇش ساھەدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى تېپىشىنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. ھالبۇكى، ساياھەت ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ كەسىپ ۋە سالاھىيەتتىكى ئۆزگىرىش ئىدى.

10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتە، تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى يېزىخەي ئۆرپ - ئادەت باغچىسىدا ئاشپەز مەمەتسالى ئابدۇرېھىم ساياھەتچىلەرگە لەڭمەن ئېتىۋاتاتتى. بۇ يىل 7 - ئايدا ئەمدىلا يېڭىشەھەر ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئۇ تەكلىپ بىلەن ئۆرپ - ئادەت باغچىسىغا كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئېيىغا 3500 يۈەن مائاش ئالىدۇ.

ئائىلىسىدە ئالتە جان بار مەمەتسالى 19 يىلدىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى ھەمدە ئانچە كۆپ بولمىغان كىرىمنى كۆرۈپ چوڭ بولدى. شۇڭا ئۇ ئوقۇغاندىن باشلاپلا ئەجدادلىرىنىڭ تۇرمۇش يولىدا قايتا ماڭماسلىق ئىرادىسىگە كەلدى. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، بۇ كۆيۈمچان يىگىت ھەر ئايدا ئۆزىگە پەقەت نەچچە يۈز يۈەن تۇرمۇش پۇلى قالدۇرۇپلا، قالغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە بەردى. ئۇ مۇخبىرلارغا ھازىر ئۆينىڭ يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىنى، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئەسلىدىكىدىن كۆپ ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى. «خوجايىن يەنە ماڭا كېيىن ساياھەتچىلەر كۆپەيسە مۇكاپات پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇڭا مېنىڭ غەيرىتىم تېخىمۇ ئاشتى» دېدى مەمەتسالى كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئاشپەزلىكنىڭ كەسىپ بوسۇغىسى بىر قەدەر ئېگىز، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى مەمەتسالىنىڭ ھەر ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزى قىزاردى، يېزىخەي ئۆرپ - ئادەت باغچىسىغا ئانچە يىراق بولمىغان شادلىق باغچىسى دېھقانلار ئارامگاھى نامرات ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

مۇلازىم ئاينۇر ياقۇپ بۇ يىل 27 ياش، شادلىق باغچىسىغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ ھەر كۈنى قازان بېشىنى چۆرگىلەپلا يۈرەتتى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەيتتى، شۇنچە جاپا تارتسىمۇ كىرىمى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى. بۇ يىل 6 - ئايدا، ئۇ بىر قارارغا كېلىپ ئېرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىنى كوپىراتىپقا ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، شادلىق باغچىسىغا كېلىپ ئىشلىدى.

10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاينۇر دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئىچى - سىرتىنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاشخانىغا كىرىپ سەي تەييارلاشقا باشلىدى. «بۇ خىزمەت ئىلگىرى مەن ئۆيدە قىلغان بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىكەن، لېكىن ھازىر پۇلغا ئىشلەيمەن، تۇرمۇشۇم بىراقلا باياشات بولۇپ قالدى. مېنىڭ ھازىر ھەر ئايدا مائاشىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانلار ئارامگاھى ئۆيگە يېقىن، ئالدىراش ئەمەس ۋاقىتتا يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆيگە بېرىپ، چوڭلارغا ۋە بالىلارغا تاماق ئېتىپ بېرەلەيمەن» دېدى ئاينۇر.

خۇددى ئاينۇر ئېيتقاندەك، گەرچە ئەمگەكنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كەسپىي سالاھىيەت ۋە كىرىم ئەھۋالىدا ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەتچىلىكنىڭ سەرخىل تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ساھە ئىچىدىكى ئىنچىكە ئايرىلىدىغان كەسىپلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. مەسىلەن، يالغۇز تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىلا كەسپىي چالغۇ ياساش ئۇستىسى، مەنزىرە رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى قاتارلىقلار بار. ئىلگىرى يېزىلاردا كەم ئۇچرايدىغان بۇ كەسىپلەر ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشماقتا، شۇنداقلا ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم شەكىلگە ئايلانماقتا.

 تېخىمۇ گۈزەل يېزا - كەنت قىياپىتى

ئادەتتىكى بىلىشتە، ساياھەت بايلىقى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى، ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان جاي بولمىسا، ھېچكىم كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ تەسىرات ئالمايدۇ. بىراق كوناشەھەر ناھىيەسىدە، گەرچە ساياھەت بايلىقى نىسبەتەن كەمچىل، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ئانچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، كىشىلەر بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن شارائىت يارىتىپ، مۇھىتنى ياخشىلاۋاتىدۇ، يۇقىرى - تۆۋەننىڭ بىر نىيەتتە بولۇشى ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يولىنى بارغانسېرى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر.

10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ، يېزىخەي مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەنزىرە باغچىسىغا ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي كىرىشكە باشلىدى. بەزىلەر ئىلەڭگۈچ ئۇچسا، بەزىلەر كۆۋرۈكنى لەپەڭشىتەتتى، يەنە بەزىلەر قولمۇقول كاۋاپ ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، قىزغىن كەيپىيات قاراڭغۇ چۈشكەنگە قەدەر داۋاملاشتى. كەچ سائەت 8 دە، 10 مىڭدىن ئارتۇق LED چىرىغى تەڭلا ياندى، ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر پۈتكۈل ئۆرپ - ئادەت مەنزىرە باغچىسىنىڭ كەيپىياتىنى بىراقلا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

كەچ كۈزدىكى كېچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سەل تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن بالىلار ياكى چوڭلار بولسۇن، ھەممىسى ھاياجانلانغان ھالدا ھەرقايسى جايلاردا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋاتاتتى. قەشقەر شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى لى چاڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچى قېتىم ئۆرپ - ئادەت مەنزىرە باغچىسىغا كېلىپ ئوينىشىم، كەنتتىمۇ بۇنچە گۈزەل چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنىڭ بارلىقىنى ئويلىماپتىمەن.

بۇ يىلدىن بۇيان، كۆلىمى 86 مو كېلىدىغان يېزىخەي مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەنزىرە باغچىسى 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن باشلانغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى كەچتە 400 - 300 ئادەمنى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى. «بىز ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇۋاتىمىز، بۇ جاينىڭ دائىملىق ساياھەت لىنىيەسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى مەنزىرە باغچىسىنىڭ باشقۇرغۇچى خادىمى فاڭ جيې.

تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى كەمچىل بولسا، ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولىدۇ. تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن يېزا - كەنتلەردە، جەمئىيەتتىن كەلگەن كاپىتالنى سىناپ كۆرۈش شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. تېخىمۇ ئاساسلىق بولغان قاتلامدىن قارىغاندا، ساياھەت يەنە يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى يېتەرلىك تۈرتكە بىلەن تەمىنلىدى.

10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئەتىگەندىلا، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئاياغمەنگەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تيەن يىشيۇ كەنتتىكى ئۈزۈم كارىدورىغا كەلدى. 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كارىدورغا مودەنگۈل مايسىسى دۆۋىلەنگەنىدى، مۇشۇ كۈندىن باشلاپ مودەنگۈل مايسىسى ئارقا - ئارقىدىن كارىدورنىڭ بىر تەرىپىدىكى 30 نەچچە مو يەرگە كۆچۈرۈلەتتى. سەككىز ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى بىكار يەر تۈزلىنىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بۇ رايون كېلەر يىلى ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئىستىراھەت مەنزىلگاھىغا ئايلىنىدۇ.

«كەنتىمىزنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى قىزىل ساياھەت، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەنتىمىزگە كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىدەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، بىز ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ھەم ساياھەتنى ئېچىش جەھەتلەردە تەييارلىقنى پۇختا قىلدۇق.» تيەن يىشيۇ مۇنداق دېدى: كەنت ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكىر يولى بېكىتكەندىن كېيىن، كەنت قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. «بۇ يىلدىن بۇيان، بىز يېڭىدىن 2.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يول ياسىدۇق، 164 يول چىرىغى ئورناتتۇق، 120 ئەخلەت تۇڭى قويدۇق».

بۈگۈنكى كۈندە، ئاياغمەنگەن كەنتىگە قەدەم باسسىڭىز، يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆيلەر ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىدىكى قوناقگۈللەر بەكمۇ چىرايلىق ئېچىلغان. بۇلا ئەمەس، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كەنتتىكى ئاساسلىق غول يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى دۇكانلار ئىككى يىل ئىلگىرىكى تۆت - بەشتىن بۈگۈنكى كۈندىكى 60 نەچچىگە يەتتى. «ھازىر ساياھەت ئەسلىھەلىرى تېخى ئانچە مۇكەممەل ئەمەس، كېلەر يىلىغا بارغاندا، بىز ساياھەت ھاجەتخانىسى، ساياھەت تاللا بازىرى، كىچىك كېچىلىك بازار ۋە پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇپ بولىمىز، ئۇ چاغدا ئاياغمەنگەن كەنتى يېپيېڭى تۈسكە كىرىدۇ» دېدى تيەن يىشيۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

 تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات ئارزۇسى

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش نىشانىغا بارغانسېرى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چۆرىدىگەن تەپەككۇر تەدرىجىي بىخ سۈرۈۋاتىدۇ.

«شەھەرلىكلەرگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى سەھرا تۇيغۇسى بېغىشلاپ، ئۇلارنى خالىغان ۋاقىتتا كېلىدىغان، خۇشال - خۇرام كېلىدىغان، ئاخىرىدا ئۇلارنى كەلگەنسېرى كەلگۈسى كېلىدىغان قىلىمىز» دېدى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي باڭجۇڭ.

ۋېي باڭجۇڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتىكى 40 مو يەر 400 پارچە قىلىپ بۆلۈنۈپ، ھەربىر پارچە بىر پۇڭ يەر شەھەرلىكلەرنىڭ تېرىشىغا ئىجارىگە بېرىلدى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ھەپتە ئاخىرىدا نۇرغۇن «شەھەرلىك دېھقان» شەھەردىن ئاپتوموبىل بىلەن كېلىپ، يەر تېرىپ ئارام ئالغاچ كۆڭۈل ئاچتى. «يەر ئىشلىتىش ھەققى، كۈندىلىك پەرۋىش ھەققى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، بىر پۇڭ يەرنىڭ ئىقتىسادىي ھاسىلاتىنى 1000 يۈەنگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، 80 ئائىلىلىك نامرات ئاھالە بۇنىڭدىن پايدا ئالالايدۇ» دېدى ۋېي باڭجۇڭ.

تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىنىڭ «شەھەرلىك دېھقان» تۈرى ساياھەت بىلەن يېزا تۇرمۇشىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش ئۈستىدىكى بىر خىل ئىزدىنىشتۇر. بۇ جەرياندا، ساياھەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، تەسىراتى تېخىمۇ ياخشى بولغاچقا، تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.

كىرىمنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە تەسىردىن باشقا، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېزىلاردىكى ئاممىغا تاشقى دۇنيانى تونۇيدىغان كۆزنەك ئېچىپ بەردى. ئىلگىرىكى بىر مو ئۈچ پۇڭ يەر ئەمدى تۇرمۇشنىڭ بارلىقى بولماي قالدى، ئادەمنىڭ ئۆزگىرىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشكە ئايلاندى.

مەمەتسالى مۇنداق دېدى: ئۆزۈم ئاشپەزلىكنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، بىكار ۋاقىتلىرىمدا يەنە جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىمەن، مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەممۇ بارغانسېرى ئۆسۈۋاتىدۇ؛

ئاينۇر مۇنداق دېدى: كەنتتىكى نۇرغۇن ئايال ئۆيلىرىدىن چىقىپ زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلىدى، روھىي قىياپىتىدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، مەنمۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، چىرايلىق كەسىپكار ئايال بولۇشنى ئويلايمەن؛

نۇرغۇن كىشى مۇنداق دېدى: ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى، تاللاش ئەركىنلىكى بىزگە ئەڭ چوڭ ئەركىنلىك ئاتا قىلدى؛

...

«كەنتتە ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشلانغان ۋاقىتتا، بەزى گۇمانىي سادالارمۇ چىققان.» تيەن يىشيۇ مۇنداق دېدى: بەزى كەنت ئاھالىلىرى كەنتكە كۆپلىگەن ناتونۇش كىشىنىڭ كېلىشىنى خالىمىدى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتتىن پۇل تاپقىلى بولۇشى ناتايىن دەپ قاراشتى، لېكىن تۈرلەرنىڭ بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھەمدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكلەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئاشتى.

«ھازىر، مەيلى دائىملىق تەشكىللەنگەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى كۇرسى بولسۇن ياكى ئاشپەزلىك ماھارىتى، قائىدە - يوسۇننى قېلىپلاشتۇرۇش كۇرسى بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى.» تيەن يىشيۇ مۇنداق دېدى: ھەربىر كىشىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ساياھەت تونۇشتۇرۇش نۇقتىسى بولۇش كەيپىياتى شەكىللىنىشكە باشلىدى، مانا بۇ كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچ مەنبەسى.

ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، كوناشەھەر ناھىيەسى جەمئىي 402 مىڭ 100 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.8 ئاشقان، ساياھەت كىرىمى 83 مىليون 880 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67.3 ئاشقان.

ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە، يول ئاياغ ئاستىمىزدا، تېخىمۇ مۇھىمى يىراقتا.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خاتىرىسى

ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشماقتا

بەي جىيۈ

كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئايرىش جەريانىدا، ساياھەتچىلىك مۇلازىمەتچىلىكتىكى بىر ئىنچىكە ئايرىلغان ساھە بولسىمۇ، لېكىن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىر خىل يولى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈنۈمى 1 -، 2 -، 3 -كەسىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىپادىلىرىنى يۇغۇرغان بولىدۇ.

ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا، ساياھەت قىزغىنلىقى ئېلىپ كەلگەن كىشىلەر ئېقىمىغا تايىنىپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىزدىن ئالغان ھوسۇلى بارغانسېرى ياخشى سېتىلدى؛ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە لايىھەلىنىپ چىقىلغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرى بارغانسېرى كۆپەيدى؛ پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھىدا نۇرغۇن دېھقان ئاشپەز ۋە مۇلازىم بولدى، كىرىم يوللىرى بارغانسېرى كېڭەيدى.

ئەگەر پىكىر يولى يەنىمۇ كېڭەيسە، ساياھەتنىڭ تۈرتكە بولىدىغىنى يالغۇز كىرىمدىكى ئۆزگىرىشلا ئەمەس، يەنە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، كىشىلەر قانداقمۇ پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار مۇھىتقا ئۆزىنى قويۇۋېتىپ ئارام ئېلىشقا كېلىشنى خالىسۇن؟ كەسىپكارلارنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولمىسا، قانداق قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؟

يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ساياھەتنىڭ ئاممىنىڭ ئاساسىي ئىستېمال ئېھتىياجىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇقەررەر ھالدا تەدرىجىي سۈرئەتنى تېزلىتىدىغان بىر جەريان بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا سېلىنغان ياخشى ئاساسقا تايىنىپ، ساياھەتچىلىك چوقۇم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە كۈچ قوشۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى