تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

گىرېتسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گىرېتسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ھەمدە بىرازىلىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.

شۇ يەر ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شى جىنپىڭ باشىلىيادىن ئايرىلىپ ۋەتەنگە قايتقىچە، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ ئىسپانىيەنىڭ تېنېرىفې ئارىلىدا تېخنىكىلىق توختىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.