تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى

تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايون پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، كوللېكتىپ دەرس تەييارلاپ، تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش تايانچلىرىنى تەربىيەلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي يىغىن روھى توغرىسىدا تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلدى ھەم مەخسۇس تېمىدا يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»نى زىچ چۆرىدەپ، تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، «تۆت ئىشەنچ»نى تېخىمۇ چىڭىتىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، پۇختا ئىشلەش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئومۇمىي نىشانىنى، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراش ۋە مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئەينەن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئارگىنالىنى تىرىشىپ تەييارلاش كېرەك. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئېنىق سۆزلەپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، چوڭقۇر، مەزمۇنلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كادىرلار بىلەن ئامما چۈشىنەلەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان، ئاڭلاشنى خالايدىغان، ياخشى ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان قىلىش كېرەك. جايلار ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى