شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقان 30دىن ئارتۇق شىنجاڭ كارخانىسى ماشىنا - ئېلېكتىر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كىيىم - كېچەك، يېمەكلىك، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان بولۇپ، جەمئىي تەخمىنەن 80 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالىدى.
«جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستان - جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى.» ئۆزبېكىستان دۆلەت سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەدھەم ئىلھاموۋىچ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزبېكىستان - جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ سودا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
«بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى مۇقەررەر جۇڭگو - ئۆزبېكىستان كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ساھەدە چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكە بولىدۇ.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ كارخانىچىلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ئۆمەرجان قۇربان مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتتە 11 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئۇنىۋېرسال تۈردىكى سۈپەتلىك ماركىلىق سودا كۆرگەزمىسىگە ئايلاندى.
كۆرگەزمە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو كارخانىچىلىرى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرى، نەمەنگان ئوبلاستىدىكى ئاساسلىق بازار ۋە سانائەت باغچە رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم جۇڭگو شىنجاڭ - ئۆزبېكىستان نەمەنگان كارخانىلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.