جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - قۇرۇلتىيى:
بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ داۋاملىق كۈرەش قىلىش
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش. قۇرۇلتايدا خۇ جىنتاۋنىڭ 16 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى» دېگەن دوكلاتى ماقۇللاندى.
دوكلات ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، يېڭى مەزگىلدىكى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت تەرەققىياتى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن پۈتكۈل ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە باشتىن كەچۈرگەن يېڭى سىناق، ئېرىشكەن يېڭى تەجرىبە، قوزغىغان يېڭى ئويغىنىشنى مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجە ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ تۈپ سەۋەبى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردۇق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى، بۇ يولدا ۋە بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - قۇرۇلتىيى پارتىيە ئىچى - سىرتىغا، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا پارتىيەمىز قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قايسى يولغا مېڭىش، قانداق روھىي ھالەت بىلەن قانداق تەرەققىيات نىشانىنى كۆزلەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى جاكارلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار خەرىتىسىنى سۈرەتلەپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.