تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كورلا شەھىرى جۇڭگودىكى سانائەتتە كۈچلۈك 100 ناھىيە (شەھەر) رايونى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ شياۋدۇڭ خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو ئۇچۇر ئالاقىسى تەتقىقات يۇرتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 2-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ناھىيەلەر سانائەت ئىقتىسادى تەرەققىيات مۇنبىرى (2019)» ئېچىلىپ، «جۇڭگو ناھىيەلەر سانائەت رىقابەت كۈچى خەرىتىسى» ئېلان قىلىنىپ، 2019-يىللىق «جۇڭگودىكى سانائەتتە كۈچلۈك 100 ناھىيە»، «جۇڭگودىكى سانائەتتە كۈچلۈك 100 رايون» تىزىملىكى ئېلان قىلىندى ھەمدە ناھىيەلەرنىڭ سانائەتتە يېڭىلىق يارىتىش رەت تەرتىپى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى. كورلا شەھىرى تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، جۇڭگودىكى سانائەتتە كۈچلۈك 100 ناھىيە (شەھەر) ئىچىدە 93-ئورۇندا تۇرۇپ، شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن بىردىنبىر ناھىيە (شەھەر) بولۇپ قالدى.

سانائەتتە كۈچلۈك 100 ناھىيە (شەھەر)، 100 كۈچلۈك رايون ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە %16.7 ۋە %19.9لىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى تۆھپىسىنى قوشقان بولۇپ، بۇ، ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، شەھەر-يېزا رايونىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى. سانائەتتە كۈچلۈك 100 ناھىيە (شەھەر) ئاساسلىقى شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە يىغىلغان بولۇپ، جياڭسۇ، شەندۇڭ، جېجياڭلاردا كۆپرەك.

2018-يىلى، كورلا شەھىرى ئىشقا ئاشۇرغان پۈتۈن يىللىق سانائەت قوشۇلما قىممىتى 36 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %5.1 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت سانائىتىدە تاماملانغان قوشۇلما قىممەت 30 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %5.3 ئاشقان، نېفىتتىن باشقا سانائەتتە تاماملانغان قوشۇلما قىممەت 5 مىليارد 560 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %2.5 ئاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرىنىڭ سېلىنما مۇھىتى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، رايون ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ناھىيە، شەھەرنى باھالاشتا نۇرغۇن ئالاھىدە شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 2018-يىلى بەش تۈرلۈك شەرەپكە ئېرىشكەن، يەنى ئايرىم ھالدا 2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك 100 ناھىيە، شەھەر قاتارىغا كىرىپ، 43-ئورۇندا تۇرۇپ، شۇ يىلى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تىزىملىككە كىرگەن ناھىيە، شەھەر بولغان؛ «مەملىكەت بويىچە يېشىل تەرەققىياتتا كۈچلۈك 100 ناھىيە، شەھەر» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، تىزىملىكتە 42-ئورۇندا تۇرغان؛ «مەملىكەت بويىچە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە، شەھەر» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، تىزىملىكتە 57-ئورۇندا تۇرغان؛ «مەملىكەت بويىچە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتى كۈچلۈك 100 ناھىيە، شەھەر» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، تىزىملىكتە 17-ئورۇندا تۇرغان؛ «جۇڭگودىكى سانائەتتە كۈچلۈك 100 ناھىيە، شەھەر» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، تىزىملىكتە 97-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تاللانغان شەھەر بولۇپ قالغان.

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى