تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دولانە چۈچۈمەل مېۋە بولسىمۇ، يەنىلا يۇقىرى قەنتلىك مېۋىگە كىرىدۇ

    كۆپچىلىك ئادەتتە مېۋە يېگەندە قانچە تاتلىق بولسا، قەنت مىقدارى، ئىسسىقلىق مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئەكسىچە، قانچە چۈچۈمەل بولسا، قەنت مىقدارى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل قاراش خاتا، مېۋە تەركىبىدىكى قەنت مىقدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە پەقەت تەمى تاتلىق بولۇشقىلا تايىنىپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، دولانە گەرچە تەمى چۈچۈمەل بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل يۇقىرى قەنتلىك مېۋىگە كىرىدۇ.
    دولانە گەرچە تەمى قىرتاق، تاتلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەنت تەركىبى % 22 ~ % 24 ئەتراپىدا بولۇپ، قەنت تەركىبى ناھايىتى تاتلىق تاۋۇز، بۆلجۈرگەن، ئالما قاتارلىق مېۋىلەردىن خېلىلا يۇقىرى. كىشىلەر دولانەنى ئالما، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ چۈچۈمەل ھېس قىلىدۇ، چۈنكى دولانە مېۋىسىدىكى ئورگانىك كىسلاتانىڭ مىقدارى ئالما، نەشپۈتنىڭ ئورگانىك كىسلاتاسىدىن 2~3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. گەرچە دولانە تەركىبىدە نۇرغۇن مېۋە شېكىرى بولسىمۇ، لېكىن كۆپ مىقداردىكى ئورگانىك كىسلاتا شېكەرنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ، مانا بۇ دولانە يېگەندە چۈچۈمەل ھېس قىلىشتىكى سەۋەب. دولانە تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن B، كاروتىن، كالتسىي، تۆمۈر، نىكوتىن كىسلاتاسى، ئورگانىك كىسلاتا ۋە فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ۋە ئۇيقۇنى ياخشىلاش قاتارلىق روللارغا ئىگە. لېكىن، قەنت تەركىبى يۇقىرى دولانە بەدەندىكى ئىنسۇلىن ۋە مېتابولىزم سەۋىيەسىنى غىدىقلاپ، ئاسانلا قان شېكىرىنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا دولانەنى مىقدارغا قارىتا يېيىش، بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك، ھەر كۈنى ئۈچتىن تۆتكىچە دولانە يېسە سالامەتلىككە پايدىلىق، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى دولانە يېسە تېخىمۇ بولمايدۇ.

                                                                                                                                              خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى