تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ لۇبىن، شى گۇڭجىڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، زور بىر تۈركۈم ئاق قۇ شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا قىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇچۇپ كەلدى، ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈندە ئىلى دەرياسى بويىدىكى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ فاڭساۋخۇ كۆلىدىن 13 چوڭ ئاق قۇ ئۇچۇپ ئۆتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سۇلۇق يەر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مول يېپىنچا ئۆسۈملۈك تىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، سۇلۇق يەر جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى، شۇنداقلا ھەرخىل سۇلۇق يەر ياۋايى ھايۋانلىرىنى ياخشى ياشاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن سۇلۇق يەر قوغداش رايونىدىكى ياۋا قۇشلار تەدرىجىي كۆپەيدى، ھەممىلا يەردە قۇملۇق ئۆردىكى، يېشىل باش ئۆردەك، قىرغاۋۇل ۋە باشقا قۇشلارنىڭ ماكانلاشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
[سۈزۈك سۈرەتلەر] زور بىر تۈركۈم ئاق قۇ قىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا ئۇچۇپ كەلدى
مۇھەررىر :
古力皮牙.阿布力孜
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/11/15 15:28
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.