تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز خۇ جيې، سۈي مىڭخاۋ، يۈ خەيشياڭ فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى ئېرتىش چوڭ جىلغىسى قېلىن ياغقان قار بىلەن «ئاق لىباس»قا ئورۇنۇپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى. قاردىن كېيىنكى چوڭ جىلغا خۇددى سىياھ رەسىم تۈسىگە كىرگەن ئىدى، ئېقىن سۇ تېخىمۇ سۈزۈلگەن، تىنچ سۇ يۈزى بىر پارچە ئەينەككە ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئاپئاق قار يىراقتىكى تاغنى قاپلىغان بولۇپ، يېقىن ئەتراپتا ئاپئاق قار بارلىق مەۋجۇداتنى يېڭىچە تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى. قامەتلىك قارىغاي دەرەخلىرى يېشىل ۋە ئاق ئارىلاش كۆرۈنەتتى، بىر پۈتۈن دەرەخزار ئاپئاق قارغا پۈركىنىپ، يىراقتىن قارىغاندا «ئاق چېچەكزار»غا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
[سۈزۈك سۈرەتلەر] قاردىن كېيىنكى ئېرتىش چوڭ جىلغىسى سىياھ رەسىم كەبى تۈسكە كىردى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/11/18 20:55
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.