تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى) خەيرلىك سەھەر كۆپچىلىك! بۈگۈن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندا قار ياغىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃4-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەن بولىدۇ، سىرتقا چىققاندا سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىڭ.
بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئازراق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G314 لىنىيەسىنىڭ بوزىيادىن قونجىراپقىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بۇرچىنغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوننى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.