تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جىمىسار ناھىيەسىنىڭ جىمىسار بازىرى: «پارتىيە قۇرۇلۇشى +» ئارقىلىق مەھەللە مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر خىسلەت خەۋەر قىلىدۇ: يوللار پاكىز، رەتلىك، تاملار يېڭىدىن ئاقارتىلغان بولۇپ، مەھەللە جىمجىت، ئازادە ئىدى. 11- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ جىمىسار بازىرى ۋېيخۇخاڭ مەھەللىسىگە بارغاندا، مەمۇرلار 2- قارارلىق مەھەللىسىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىدىن مۇخبىرنىڭ كۆز ئالدى يورۇپ كەتتى.

«سىز جەزمەن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ مەينەت، قالايمىقان، ناچار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمەيتتىڭىز. جىمىسار بازارلىق پارتكوم <پارتىيە قۇرۇلۇشى+> مەھەللە تۈزەش ئەندىزىسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، مەھەللىنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى.» مەھەللىنىڭ ئۆزگىرىشىنى مەھەللە ئاھالىسى دۇڭ يۈچىن چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى.

مەمۇرلار 2- قارارلىق مەھەللىسى 2012- يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۈلۈك شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، مەھەللىنىڭ مۇھىت تازىلىقى ناچار ئىدى، يېشىللىق ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى، شەخسىي ئاپتوموبىللار قالايمىقان توختىتىپ قويۇلاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقى قوزغالغانىدى.

«مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئاھالىلەر مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرۇشنى خالىمىدى، مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى يىغىلمىغاچقا، مۈلۈك شىركىتى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ خالىمىدى، بۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللەندى» دېدى ۋېيخۇخاڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ فېڭلىڭ.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، بۇ يىل 9- ئايدىن بۇيان، جىمىسار بازارلىق پارتكوم دىققەتنى ئامما باش قاتۇرىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «جىمىسار بازارلىق پارتكوم+مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسى+دائىرە پارتىيە ياچېيكىسى+مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى»دىن ئىبارەت تۆت دەرىجە باشقۇرىدىغان «پارتىيە قۇرۇلۇشى+» مەھەللە تۈزەش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرلەشمە يىغىن، ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىش يىغىنى، قىزىل كېڭىشىش زالىدا كېڭىشىش، نەق مەيداندا بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش ۋە مۇھىم، زور ۋەقەلەرنى مەسلىھەتلىشىپ كېڭىشىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، «ھەر كۈنلۈك ئىشنى سۆزلەش» «ھەر كۈنلۈك باھالاش» «ھەر ھەپتىلىك يىغىن» «نەق مەيداندا بېجىرىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مۈلۈك باشقۇرۇشقا چېتىلىدىغان تۈرلۈك كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇردى، ماسلاشتۇردى، بىر تەرەپ قىلدى.

مەمۇرلار 2- قارارلىق مەھەللىسىنىڭ ئۆي ۋە مۈلۈك مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى «پارتىيە قۇرۇلۇشى+» مەھەللە تۈزەش ئەندىزىسىنى پائال سىڭدۈرۈپ، مەھەللىنىڭ ئىلگىرى قېپقالغان مەسىلىلىرىنى رەتلەپ چىقىش ئارقىلىق، تۈزىتىش لايىھەسىنى بېكىتىپ، مەھەللىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزىدى، يوللارنى قايتىدىن قاتتىقلاشتۇردى، ئۆز ئالدىغا سېلىۋالغان، قالايمىقان سېلىۋالغان قۇرۇلۇشلارنى چاقتى، بۇنىڭ بىلەن مەھەللىنىڭ مۇھىتىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش يۈزبەردى.

«مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى ھەر كۈنى كومىتېتنىڭ ئىككى ئەزاسىنى بىنالارنىڭ تازىلىق ئەھۋالى، مەھەللىنىڭ مۈلۈك مۇلازىمىتى ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى» دېدى جىمىسار بازارلىق مۈلۈك باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى باۋ خەيگاڭ. مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ئارقىلىق، ھازىر مەھەللىنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

جىمىسار بازىرى مۈلۈك شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، مۈلۈك مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چۆرىدەپ، كۈندىلىك تەكشۈرۈش، ھەپتىلىك باھالاش، ئايلىق باھالاش، ئاي ئاخىرىدا ئۇنىۋېرسال باھالاشتىن ئىبارەت مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئۇنى مۈلۈك مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىسىنى باھالاش، دەرىجىسىنى بېكىتىش، باھالاپ مۇكاپاتلاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلدى. جىمىسار بازىرىدىكى مۈلۈك مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ «تىزىملىكى»نى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئېلان قىلىپ، تىزىملىكتىكى مۈلۈك شىركەتلىرىنى مۇكاپاتلاپ - جازالاپ، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى