تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالتاي ۋىلايىتى: پۇختا تۈزىتىپ، قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ شىجۈ

«ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئاپتوموبىلغا چىقىپ - چۈشەلىشى ئۈچۈن، قىش پەسلىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئالمىشىش مۇساپىسىنى بۆلەكلەرگە ئايرىشقا بولامدۇ؟» «ھەربىر مەنزىرە رايونى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش شەكلى جەھەتتە تاللاش ئىمكانىيىتىنى كۆپەيتىشكە بولامدۇ؟»... 11- ئاينىڭ 10- كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشقا كەلگەن ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە، رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرىنى ئورىۋېلىپ سوئال سورىدى، تەكلىپ بەردى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى.

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ساياھەت تارماقلىرى پۈتۈن ساھە بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، ساياھەتچىلەردىن پىكىر ئېلىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلىدى ھەم « ساياھەت بازىرىنىڭ <100 كۈنلۈك> مەخسۇس تۈزەش ھەرىكەت لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقتى. ئۆگىنىپ قايتا ئويلىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئىگىلەش، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قىشلىق ساياھەت تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كەمتۈكلۈك ۋە بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قار - مۇز بايلىقىنى ئېچىش، ساياھەت تەسىراتىنى ئۆستۈرۈشنى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار - مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا قىش كىرىشى بىلەنلا تاغ چۆلدەرەپ قالاتتى. ھازىر يول ياسىلىپ بولدى، قىشتا تاغقا چىقىش راۋان بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، بىز تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەردە ياخشى غىزالىنىش، ياخشى قونۇش، تېخىمۇ ياخشى ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇ تىجارەتچىسى تۇرسۇن بايبازار.

قاناس مەنزىرە رايونى دۆلەتنىڭ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت ساياھەت تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئاجىز بولۇشى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى، شۇ جاي ئىشنى «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ھاجەتخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

نۆۋەتتە، ئالتاي ۋىلايىتى چوڭقۇر، ئوتلاق تاش قەلئە، جيادېڭ جىلغىسى، كۆكسۇل، سەنداۋ خەيزى قاتارلىق بەش ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن مىڭغا يېقىننى كۆپەيتتى ھەم ساياھەت ئاۋات مەزگىلىدە ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈپ - كۆزىتىش ئارقىلىق ھازىرقى مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ياتاق كارىۋىتى يېتىشمەسلىك، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش، تور يوق رايون قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالتاي ۋىلايىتى ھەقىقىي ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈزىتىپ، تۈزەشنى چىڭ تۇتتى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ۋىلايەتتە مەنزىرە رايونى ھاجەتخانىسىدىن 36نى، شەھەر رايونىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن توققۇزنى، يېمەك - ئىچمەك رايونىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىدىن 1296نى، يېزىلاردىكى ئائىلە ھاجەتخانىسىدىن 24 مىڭ 417نى يېڭىدىن سېلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ ياساپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ 283 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1293 خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، پۈتۈن ۋىلايەتتە سىگنال تورىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

ھازىر ئالتاينىڭ قىشلىق قار - مۇز ساياھىتى باشلاندى، سايىۋەنلىك ئاپتوموبىل بېكىتىدە، مەنزىرە كۆرۈش يولىدا، ئۆرپ - ئادەت ئويۇن سەھنىسى ئاستىدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئىختىيارىي زىيارەت قىلىپ، نەق مەيداندا ساياھەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. ساياھەتچىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە، تەكلىپلەرنى بىلگەن ھامان ئۆزگەرتتى، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال ئۆزگەرتتى.

«تۈزەش ئارقىلىق، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې پىڭ مۇنداق دېدى: «ئالتاي ۋىلايىتى 14- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك كەسپى سودا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ۋاسىتە قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ قار - مۇز ساياھەت پەسلىدە تۆت ئۈلۈشتىن كۆپرەك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى 4 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەت كىرىمىنى 4 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى