تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«قۇملۇق ئادەمگىياھى» ئارقىلىق بوستانلىقتا توسۇق قۇرۇلدى، دېھقانلارنىڭ ھەميېنى تومپايدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ بىڭ، بەي جىچياڭ

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باش قىش مەزگىلى دەل يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ئالدىراش مەزگىل بولسىمۇ، لېكىن خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدىكى دېھقان جېلىل ئەخمەت ئەر - خوتۇن بۇ يىل ئۆيىنىڭ ئالدىدىلا تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىغان «قۇملۇق ئادەمگىياھى» − توشقانزەدىكى كولايدىغان خىزمەتنى تاپتى.

«خوتۇنۇم بىلەن <توشقانزەدىكى كىچىك بازىرى>دا توشقانزەدىكى كولايمىز، كۈندە 400 كىلوگىرامدىن ئارتۇق كولىيالايمىز، ھەر كىلوگىرامىغا بىر يۈەندىن كولاش ھەققى تاپالايمىز، كۈن بويىچە ھېسابات قىلىدۇ. ھازىر بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا 8000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتۇق، بۇ، پاختا تېرىپ ئىككى - ئۈچ ئايدا تاپقان پۇلىمىزغا باراۋەر» دېدى جېلىل ئەخمەت.

گەرچە يېڭىياچە بولسىمۇ، لېكىن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتا، جېلىل ئەخمەت توشقانزەدىكى كولاش ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالدى: كەتمەن (جوتۇ) بىلەن سۆكسۆكنىڭ يىلتىز قىسمىنى ئادەتتە 40 - 30 سانتىمېتىر كولىغاندىلا سۆكسۆكنىڭ يىلتىز قىسمىدا ئۆسكەن توشقانزەدىكىنى تاپقىلى بولىدۇ، ئاندىن قۇمنىڭ ئىچىدىن توشقانزەدىكىنى يىلتىزى بىلەن ياكى پۈتۈن كولاپ چىققارغىلى بولىدۇ، ئاخىرىدا قۇم تىندۇرۇلۇپ، كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا يېڭى بىر تۈركۈم توشقانزەدىكى ئۆسۈپ چىققاندا يەنە كولاپ ئېلىنىدۇ.

جېلىل ئەخمەت ئېيتقان «توشقانزەدىكى كىچىك بازىرى» ئەمەلىيەتتە خوتەن ناھىيەسىدىكى توشقانزەدىكى تېرىش چوڭ ئائىلىسى لى يۈنخەي بىلەن تەۋەككۈل يېزىسىدىكى 60 ئائىلىلىك نامرات ئاھالە ئورتاق قۇرغان توشقانزەدىكى كىچىك بازىرى تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىدى. تەۋەككۈل يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شارائىتى ئىنتايىن چەكلىك ئىدى، كۆچمە قۇملۇق يىل بويى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەھدىت سېلىپ تۇراتتى. 2012- يىلىدىن بۇيان، لى يۈنخەي كوپىراتىپ ئەزالىرىنى يېتەكلەپ 32 مىڭ مو قۇملۇقتا قۇمنى تىزگىنلەپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سۆكسۆكتىن 18 مىليون تۈپ، جىگدە، توغراق قاتارلىقلاردىن 200 مىڭ تۈپنى تىكىپ ئەي قىلىپ، سۆكسۆكنىڭ يىلتىز قىسمىغا توشقانزەدىكىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، قاقاس قۇملۇقنى يېشىللىققا پۈركەلگەن دورا ماتېرىياللىرى بازىسىغا ئايلاندۇردى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇن ماخمۇت مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىز بىلەن تېخنىكا ئىقتىدار ئۆگىتىش ۋە ئەمگەك مۇلازىمىتى قوشۇلغان ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى ئورنىتىپ، بىزگە تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سۆكسۆك تېرىش، ئىھاتە ئورمىنىنى باشقۇرۇش ھەمدە دورا ماتېرىياللىرىنى كولاش، ئۆلچەم بويىچە دورا ماتېرىياللىرىنى ئايرىشنى ئۆگەتتى. كۈندىلىك تېرىش، باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن كۈندە 120 يۈەن مائاش ئالىمىز، ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلدە كولىغان ئىش مىقدارىغا ئاساسەن ھېسابات قىلىمىز، كۈندە 300 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز. بۇ بىر نەچچە يىلدا ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەگىشىپ ئىشلىگەچكە، 2016- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم، ئەمدى ھويلام ۋە بەش مو كېلىدىغان چىلانزارلىقىم قۇم - بوراندا كۆمۈلۈپ قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىلمايدىغان بولدۇم».

تەۋەككۈل يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن خۇڭچۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە «توشقانزەدىكى كىچىك بازىرى»نىڭ 32 مىڭ مو يەردىكى سۆكسۆككە توشقانزەدىكى كىرىشتۈرۈپ تېرىش تۈرى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش، 60 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتىن سىرت، يەنە تېخى كولاش پەسلىدە 500 كىشىنى پەسىللىك ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولدى، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم كۈنسايىن كۆرۈنەرلىك بولدى. كېيىنكى قەدەمدە تەۋەككۈل يېزىسى 200 ئائىلىلىك دېھقاننى «توشقانزەدىكى كىچىك بازىرى»دا ئۇزاققىچە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش، دورا ماتېرىياللىرى تېرىش، پىششىقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەيدۇ ھەم خوتەندىن ئارالغىچە بولغان قۇملۇق تاشيولىدا ئالاھىدە دورىلىق تائاملار، قۇملۇق ساياھىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى ئېچىپ، «توشقانزەدىكى كىچىك بازىرى»نى ھەقىقىي ئىسمى - جىسمىغا لايىق خاس كىچىك بازارغا ئايلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە كۈچ قوشىدۇ.

مۇخبىرلارنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك توشقانزەدىكى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، توشقانزەدىكى ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان قۇۋۋەت تولۇقلاش تۈرىدىكى جۇڭيى دورىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «قۇملۇق ئادەمگىياھى» دەپ تەرىپلىنىدىكەن. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، خوتەن ۋىلايىتىدە بوستانلىقنىڭ ياقىسىنى بويلاپ كېڭەيتىپ تېرىلغان يۇلغۇن، سۆكسۆك تەخمىنەن 400 مىڭ موغا، ئۇلاپ تېرىلغان توشقانزەدىكى 300 مىڭ موغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 100 مىڭ مو توشقانزەدىكىدىن ئۈنۈم يارىتىلىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 5000 توننىدىن ئاشقان. خوتەن توشقانزەدىكى تېرىش، يېتىشتۈرۈش، پارچىلاپ كېسىش، پىششىقلاش، ساغلاملىق يېمەكلىكى ئىشلەش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، توشقانزەدىكىدىن ئېلىنغان ماتېرىيالنى خام ئەشيا قىلغان ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى ياپونىيە، كورېيەگىچە ساتقان. توشقانزەدىكى كەسىپ زەنجىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.

خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن باۋجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خوتەن تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشنى پائال يولغا قويۇپ، يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، خاس باغۋەنچىلىكنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، سېرىق قۇمنى «سېرىق ئالتۇن»غا ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ياڭاق، ئانار، چىلان، توشقانزەدىكى قاتارلىق مول باغۋەنچىلىك بايلىقى 120 باغۋەنچىلىك پىششىقلاش كارخانىسىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 2018- يىلى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ خاس باغۋەنچىلىك كىرىمى يىللىق كىشى بېشى كىرىمىنىڭ %35ىدىن ئاشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى