شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى 2006- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىدا «سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار» ماقۇللىنىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان ۋەزىپىسى، خىزمەت پىرىنسىپى ۋە مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16- قۇرۇلتىيىدا تۇنجى قېتىم «جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناق بولۇش» پارتىيەنىڭ مۇھىم كۈرەش نىشانى قىلىندى. 2004- يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تارىخىي ۋەزىپىسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2005- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى، خۇ جىنتاۋ مەركىزىي كومېتىت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» مەخسۇس تېمىسىدىكى مۇھاكىمە كۇرسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى شەرھلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز بەرپا قىلماقچى بولغان سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت دېموكراتىك - قانۇنچىل، ئادىل - ھەققانىي، سەمىمىي - دوستانە، ھاياتىي كۈچكە تولغان، تىنچ - تەرتىپلىك، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان جەمئىيەت بولۇشى كېرەك.» 2005- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىدا سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چوقۇم ياخشى تۇتىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىش كېرەك دەپ بېكىتىلدى ھەم خىزمەت تەلىپى ۋە سىياسەت، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مۇشۇ ئاساستا، 2006- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىدا مەخسۇس «سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئائىت بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار» چىقىرىلدى. قاراردا سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ ئورنى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، كۈرەش نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى ھەم چوقۇم ئەمەل قىلىنىدىغان توغرا پىرىنسىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتىن سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆتنى بىر گەۋدە قىلىشقا تەرەققىي قىلدى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.