تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى جاي 3- تۈركۈمدىكى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر - ناھىيەلىرى قاتارىغا كىردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە 84 شەھەر، ناھىيەنىڭ باھالاش تەلىپىگە يېتىپ، 3- تۈركۈمدىكى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى، ناھىيەسى دەپ نام بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىن توققۇزتارا، بۇرچىندىن ئىبارەت ئىككى ناھىيە تاللانغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بەرپا قىلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، 46 كىلومېتىر ئارقا تار كوچا، يولنى قاتتىقلاشتۇرۇش، 31 كونا مەھەللىنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %44كە يەتكۈزۈپ، ئىلگىرى - كېيىن شەرەپ بىلەن «دۆلەت باغ - ئورمانچىلىق ناھىيە بازىرى» «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پاكىز شەھەر» «ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيەلىك ناھىيە» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

«بۇرچىن ناھىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل ئالتاي قۇرۇشتا ياخشى باشلامچى بولدى.» ئالتاي ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى «ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات»تا چىڭ تۇرۇپ، «ناھىيەنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق قۇرۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ناھىيەدىكى 68 مەمۇرىي كەنتنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولدى. 2020- يىلىغا بارغاندا، قابا ناھىيەسى تىرىشىپ دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بەرپا قىلىدۇ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئالتە ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر - ناھىيەسى بەرپا قىلىدۇ.

دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر - ناھىيەلىرى دۆلەت ئېكولوگىيەلىك شەھەر - ناھىيەلىرىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»، شۇنداقلا شەھەر - ناھىيەلەرنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى. 2017- يىلىدىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئىككى تۈركۈمدە دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر - ناھىيەسىدىن 91گە، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى 29 بازىغا نام بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر - ناھىيەسى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى