تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرەيلى

− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 8- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 8- ئومۇمىي يىغىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلدى، دىققەتنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولىدىغان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تۈزۈملەردە جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان تۈپ نۇقتىنى، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى ھەم خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۇ بىزنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدىكى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ مىزان. بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە دەل «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، ئىجادىي، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، تۇراقلىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا مۇھىم، زور شۇنداقلا چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇغاندىلا، بىز ئىدىيەدە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېتىقادتا تېخىمۇ قەتئىي بولۇپ، ھەرىكەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرەلەيمىز.

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئومۇمىي يىغىننىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك، بىز بۇنىڭدىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە 13 جەھەتتىكى روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ كۆرسەتمىسى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتنىڭ باشلامچىسى. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى