تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ماركسىزملىق ئاساسىي نەزەرىيەنى ئۆگىنىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ماركسىزملىق ئاساسىي نەزەرىيەنى ئۆگىنىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 22 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئۆتكۈزگەن 5 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ھەم ئۇنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان مۇھىم سۆزى: «ماركسىزملىق ئاساسىي نەزەرىيەنى ئۆگىنىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ماركسىزملىق ئاساسىي نەزەرىيەنى ئۆگىنىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى. بىز «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نى قايتا بىر قېتىم ئەسلەپ، ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ، ماركسىزملىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاش نەزەرىيە مەنبەسىگە قايتا نەزەر سېلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق ئاساسىي پىرىنسىپنى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تەتبىقلاش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي پىرىنسىپ ۋە ئىلمىي روھنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەش ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ مۇھىم، زور نەزەرىيە تۆھپىسىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ئىلمىي سوتسىيالىزم پىرىنسىپىنى بىرىنچى قېتىم ئومۇميۈزلۈك شەرھلىگەن ئۇلۇغ ئەسەر بولۇپ، ماركسىزملىق ئىلمىي دۇنيا قاراشنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئىلغارلىق خىسلىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ سىياسىي مەيدانىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ يۈكسەك غايىسىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ماركسىزملىق ئىنقىلابىي پىروگراممىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ ئىنتېرناتسىيونالىزملىق روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ دۇنيا سوتسىيالىزمىدا پەيدا قىلغان چوڭقۇر تەسىرىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» دۇنياغا كېلىشى بىلەن دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەمەلىيەت جەھەتتە تۈرتكە بولدى، ئىنسانىيەت تارىخىي مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بىزنىڭ پارتىيەمىز ئاچقان يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب يولى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب يولى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ ھەممىسى ماركسىزملىق ئاساسىي پىرىنسىپنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئۇلۇغ ئىجادىيەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» روھىنىڭ سادىق ئىزباسارى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ ئىلمىي پىرىنسىپى ۋە ئىلمىي روھىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ئىرادىدىن يانماي كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپى بويىچە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك. ئالتىنچى، ماركسىزملىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.