تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەل جايىدا كۈچ چىقىرىش  «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى قوغداش

ئىلى ئوبلاستى، ئاقسۇ شەھىرى كۆپ تارماق بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورناتتى

دەل جايىدا كۈچ چىقىرىش    «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى قوغداش

گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى «ئىلگىرى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ياخشى تاماق يېيەلمەي، مەكتەپتىن قايتىش يولىدا ئەخلەت يېمەكلىك سېتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ھازىر مەكتەپ ئاشخانا باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مەكتەپ ئەتراپىدىكى ماگىزىنلاردىكى لاياقەتسىز ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تازىلاپ، تۈزەپ، ئاتا - ئانىلارنى خاتىرجەم قىلدى» دېدى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى غۇلجا شەھەرلىك 23 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئائىلە باشلىقى لۇ بىن.

2 - تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ شەھىرى قاتارلىق جايلار كۆپ تارماق بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىپ، «2+8» مەخسۇس تۈزەشنى چۆرىدەپ، نىشان مەركىزىنى نىشانلاپ، كېسەل ئوچىقىغا توغرىلاپ، دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى.

ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە قارىتا، ئىلى ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئوڭ - سول ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە مەكتەپ ئەتراپىدىكى 200 مېتىر دائىرىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش، ۋاقتى ئۆتۈپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈزىدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك سېتىش ئورنىدىن 788 ئورۇن قېتىم تەكشۈرۈپ، مەسىلىسى بار تىجارەتچىلەرنى تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ مۇھىتى ۋە خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارىتا، ئىلى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ھەرىكەت خىزمەت لايىھەسى ۋە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بىرلىشىپ تۈزۈپ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىلىرى قاتارلىقلارغا بولغان نازارەت قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى، دورا ئىشلىتىش خاتىرىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى، نۆۋەتتە، يېمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 3050 تۈركۈم قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى، 23 تۈركۈم قېتىمى لاياقەتسىز بولدى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بىرتەرەپ قىلىش يولغا قويۇلۇپ ھەم ئېلان قىلىنىپ، «ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە» بولغان بىخەتەرلىك كاپالىتى مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلىندى.

ئىلى ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆ مىڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە بىز كۆپ تارماق بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قارىتا قايتا قاراپ چىقىش، قايتا تەكشۈرۈشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز».

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاقسۇ شەھىرى كىچىك كارخانا يېمەكلىكلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ، مەسىلە تىزىملىكى تۈزۈپ، يېمەكلىك كىچىك كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقى، خام ماتېرىيال مەنبەسى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر ئائىلىدە بىر ئارخىپ بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ تەكشۈردى. ساختا يېمەكلىكلەرنى ياساش - سېتىش «قارا ئۇۋا»لىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، ئاقسۇ شەھىرى بىر تۈركۈمنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، بىر تۈركۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىر تۈركۈمگە كىنىشكا بېجىرىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تەربىيەلەشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كىچىك كارخانىلارنى يۆلەپ، قوللاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، كىچىك كارخانىلارنىڭ «كىچىك، تارقاق، سۈپەتسىز، مەينەت، قالايمىقان، ناچار» بولۇشتىن «كىچىك ھەم سەرخىل، داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا» بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

«بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى، يۆلىشى، يېتەكلىشى ئارقىلىق، بىز ئەستايىدىل تۈزىتىپ، يېمەكلىك كىچىك كارخانىسىنى تىزىملاش كىنىشكىسى ئالدۇق. خېرىدارلار تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى، بىزنىڭمۇ ياغ زاۋۇتىنىڭ تىجارىتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە جاسارىتىمىز تولۇپ تاشتى» دېدى ئاقسۇ شەھىرى مىنلې ياغ زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى سەمەت كېرەم.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاقسۇ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە يېمەكلىك كىچىك كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 432 ئورۇن قېتىم كىچىك كارخانىنى تەكشۈرۈپ، 183 جايدىكى مەسىلىنى بايقىدى. تەكرار تۈزىتىش ئارقىلىق يېمەكلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن، ئۇيغۇن كېلىدىغان 24 كىچىك كارخانىغا يېمەكلىك كىچىك كارخانىلىرىنى تىزىملاش كىنىشكىسى تارقىتىپ بەردى.

ئاقسۇ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تيەن يۈ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن كىچىك كارخانا يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئاقسۇنىڭ يېمەك - ئىچمەك خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر تۈركۈم «كىچىك ھەم ئالاھىدە، كىچىك ھەم سەرخىل، كىچىك ھەم مەززىلىك» يېمەكلىك كىچىك كارخانىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى لى يافېڭ، چېن لۇلۇ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى