تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ 100 خىلغا يېقىن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە نامايان قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 17 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى جياڭشى نەنچاڭدا باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن يەرمەنكىگە قاتناشقان 52 كارخانىنىڭ 100 خىلغا يېقىن خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى مەركەزلىك نامايان قىلىندى.

بۇ نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە «70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈننى مەدھىيەلەش، يېزا ئىگىلىك سۈپەتلىك ماركىلىرىنى كۈچەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى.

شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى ئۇنىۋېرسال مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمە رايونى، تۇرالغۇ مۇھىتى كۆرگەزمە رايونى، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كۆرگەزمە رايونى قاتارلىق ئالتە كەسپىي كۆرگەزمە رايونىغا تەشكىللىك قاتناشتى، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشتىن باشقا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى نۇقتىلىق نامايان قىلدى، پۈتكۈل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

يەرمەنكە باشلانغان كۈنى، ئۇنىۋېرسال مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمە رايونىدا شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىنى سۈرەتلەر بىلەن خاتىرىلىدى. جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا سودىگەرلەر بىر تەرەپتىن چىلان، ھەسەل قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ، بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمى ياخشى، سۈپىتى ئەلا ئىكەن دەپ تەرىپلەشتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى جەمئىي 30 خىلدىن ئارتۇق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەشكىللەپ قاتناشتۇرغان، بۇ مەھسۇلاتلار زىيانسىز، يېشىل، ئورگانىك ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ئېتىراپ قىلىنغان «ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە»سى بار مەھسۇلاتلار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېسىل سۈپىتىگە ھەممىدىن بەك ۋەكىللىك قىلىدىكەن. قۇتۇبى نەسىللىك كالا فېرمىسى، ئاقسۇ خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق دۆلەت ئىلكىدىكى ئالتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانىمۇ قېتىق، شىرنىلىك ئالما قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كۆرگەزمە رايونىدا تونۇشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىسلاھاتتىن كېيىنكى يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، يەرمەنكە مەزگىلىدە يەنە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرى، مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك داڭلىق ماركىسىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق مەخسۇس پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، پىيالما ئانىرى، چىرا چىلىنى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس تونۇشتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى