تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىشلىرىمىز ياشناپ رەڭدار بۇلۇتتەك بولغۇسى

− رەئىس شى جىنپىڭ گىرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ باشىلىيا ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى سالاپىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، باشىلىيا، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن گىرېتسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم بىرازىلىيەگە بېرىپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. سەپەر ئاخىرلىشىش پەيتىدە، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىللە كەلگەن مۇخبىرلارغا بۇ قېتىمقى زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچىدە يېقىندىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئالدىراش زىيارەت سەپىرىنى باشلىدى. يېقىن دوستلارغا تۈمەن چاقىرىملىق ئارىلىقمۇ يىراق بىلىنمەيدۇ، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسىنى كېسىپ ئۆتتى، بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتى جەم بولۇپ، دوستلۇق ئۈستىدە سۆزلەشتى، چوڭ ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى، ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سۆزلىشىپ، مىڭ يىل داۋاملاشقان شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنى ۋاقىت، زاماندىن ھالقىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ نۇرىنى چاقناتتى.

بىرىنچى، جۇڭگو - گىرېتسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇستەھكەملىنىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈلگىسى يارىتىلدى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىدى. زۇڭتۇڭ پاۋلوپوۋلوس 5 - ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. زۇڭلى مىتسوتاكىس 11 - ئاينىڭ بېشىدا جۇڭگوغا كېلىپ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېقىن دوستلۇقى ۋە جۇڭگو - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىدىيە، ئوخشاش مەدەنىيەت جۇڭگو - گىرېتسىيە ئارىسىدىكى ھەر بىر قېتىملىق ئالاقىدە «ھاراق سورۇنىدا سىرداشلار بىلەن ئۇچراشقاندا مىڭ قەدەھمۇ ئازلىق قىلىدۇ» دېگەن ئورتاق تونۇشنى پەيدا قىلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى چىن قەلبىدىن سۆزلىشىپ، نۇرغۇن يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش رىشتىسىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو - گىرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى گىرېتسىيەدە «جۇڭگو قىزغىنلىقى»نى قوزغىدى، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلار بەس - بەستە خەۋەر بېرىپ، قىزغىن باھا بەردى، خەلقئارا ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى يۈكسەك دىققەت قىلىپ، «جۇڭگو - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتى شېرىن ئاي مەزگىلى»گە كىردى، دېدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلى ئېچىلدى. جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ پىرائېئوس پورتى تۈرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە بولۇپ، بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا شۇ جايدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىپ، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى ئەڭ چوڭ پورتقا ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىرائېئوس پورتىغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جايدىكى خادىملارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئۇلار جۇڭيۈەن دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ پىرائېئوس پورتى تۈرى بىلەن بولغان ھېكايىلىرىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇلارنى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى خاتىرجەم، ئازادە تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. مىتسوتاكىس ۋە گىرېتسىيە تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پىرائېئوس پورتى تۈرى ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، گىرېتسىيە ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، گىرېتسىيە خەلقىنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بىز جۇڭگونىڭ گىرېتسىيە قەرز كىرىزىسىغا پېتىپ قالغاندا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ، بۇنىڭدىن«دوست» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە، پىرائېئوس پورتى تۈرىنى زورايتىش، كۈچەيتىشنى خالايمىز. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو توغرا ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. پىرائېئوس پورتى تۈرى جۇڭگو - گىرېتسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، كۈچلۈكلەر بىرلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى. ئىككى تەرەپنىڭ پورتنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا قۇرۇقلۇق - دېڭىز تېز لىنىيەسىنى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشىدا، پىرائېئوس پورتى ھەمكارلىقىنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈم ئېففېكتى ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولىنىڭ يەنىمۇ نامايان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەم رايون خەلقىگە ئۈزلۈكسىز نەپ يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» شوئار ۋە رىۋايەت ئەمەس، بەلكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت ۋە قالتىس رېئاللىق.

مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم گىرېتسىيەگە قىلغان زىيارىتى شەرق مەدەنىيلىكىنىڭ غەرب مەدەنىيلىكى بىلەن بولغان كېسىشىشى بولۇپ، جۇڭگو - گىرېتسىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئۇلۇغ قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ بىرلىشىش گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتلەشتى ھەم بىرلىكتە ئافېنا قەلئەسى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تارىخ ئۇزۇن ئېقىنىنى ئايلاندى، مەدەنىيلىك ئەقىل - پاراسىتى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى، ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە ئۆرنەك ئالدى، كەلگۈسىگە نەزەر سالدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەن مەدەنىيلىككە بولغان ھۆرمەت ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد بىلەن گىرېتسىيەگە كەلدىم. جۇڭگو - گىرېتسىيە دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ سۆزلىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار ئالىيجاناب پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىشى كېرەك. جۇڭگو دۆلەت قۇدرەت تاپسا زومىگەرلىك قىلىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلمايدۇ، بىرى يېڭىش، يەنە بىرى يېڭىلىشتەك نۆل يىغىندىلىق ئويۇننى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلمايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - گىرېتسىيە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى مول مەدەنىيەت يىلتىزىدىن ئالاھىدە ئىپتىخارلىنىدۇ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ زامانىمىزدىكى قىممىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ. جۇڭگو ۋە گىرېتسىيە مىڭ يىللىق ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخ ئېقىمىغا ماسلاشقان سىياسەت تەشەببۇسىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ھەمدە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. زۇڭتۇڭ پاۋلوپوۋلوس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەدىمىي، شانلىق، ئۇلۇغ مەدەنىيلىك ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىنى بىر - بىرىگە چەمبەرچاس باغلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گىرېتسىيە مەدەنىيلىكىگە بولغان چۈشەنچىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن، گىرېتسىيە خەلقىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل. گىرېتسىيە ئاتالمىش «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەقىقىي مەدەنىيلىك ئارىسىدا توقۇنۇش يۈزبەرمەيدۇ، سىغىشالماسلىق پەيدا بولمايدۇ، بەلكى ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدۇ، ئىناق ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەيلى جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولسۇن ياكى بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئالغا ئىلگىرىلىگەن، تەرەققىي قىلغان ئەمەلىيىتى بولسۇن، جۇڭگو ھەممىسىدە «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسى» ۋە «دۆلەت قۇدرەت تاپسا زومىگەرلىك قىلىش نەزەرىيەسى»گە كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بەردى. مەن جۇڭگونىڭ خەلقئارادا يۈكسەك ئەخلاق، ھەققانىيەت ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى ئالقىشلايمەن، ئەگەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئىدىيەدە چىڭ تۇرسا، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولى بارغانسېرى كەڭ بولىدۇ، دېگەننى تەكىتلەيمەن. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ۋە دۆلەتلەرنىڭ كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق كەلگۈسىنى يورۇتۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

جۇڭگو - ياۋروپا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى. بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ياۋروپا بولدى، يىل ئاخىرىدىكى ئاخىرلاشتۇرۇش زىيارىتىمۇ ياۋروپا بولدى، ئىككى تەرەپ يەنە كېلەر يىلى بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى، بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلىدى. گىرېتسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، بۇ يىل 4 - ئايدا ئەمدىلا جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قوشۇلدى. خەلقئارادىكى جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان قىسمەن سەپسەتىلەرگە قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىسى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، گۈللەنگەن، قۇدرەتلىك ياۋروپانى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى، بۇ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق، دەپ كۆرسەتتى. گىرېتسىيە تەرەپ رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «1+17» ھەمكارلىقى ياۋروپانى پارچىلايدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى ئېتىراپ قىلمايمىز، جۇڭگو تەرەپ تەشەببۇس قىلغان «1+17» ھەمكارلىقى مېخانىزمى گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگونى، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونى بىر - بىرىگە زىچ باغلىدى. گىرېتىسىيە تەرەپ بۇ ھەمكارلىق ئۈچۈن پائال كۈچ قوشىدۇ ھەم ياۋروپا - جۇڭگو ئومۇمىي گەۋدە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رول ئويناشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ باشىلىيا ئۇچرىشىشى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ۋە خەلقئارا ئەندىزىسى ئۆزگىرىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە ئۆتكۈزۈلدى. بىر تەرەپتىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن باش كۆتۈرۈشى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، يېڭى پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك بارغانسېرى كۈچىيىپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ سىياسەت تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئادىمىيەت ئالاقىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ چاقلىق قوزغاتقۇچ»نى ئالغا سىلجىتىشنى تەكىتلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىل»نى يارىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئۇچرىشىشتا رەھبەرلەر خىتابنامىسى ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ۋە تەشەببۇسى تولۇق قوبۇل قىلىندى.

ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق قوغدالدى. رەئىس شى جىنپىڭ رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ھەمدە بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر كېڭىشىش مېخانىزمى ئارقىلىق، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ھەركىمنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. باراۋەر سۆزلىشىش ئارقىلىق، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىگە ئىجادىي قاتنىشىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ھەممىسى مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باشىلىيا خىتابنامىسىدە بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداش، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتىكى ئېنىق مەيدانى سىستېمىلىق شەرھلىنىپ، يارقىن، ئېنىق بولغان كېسەك ئالتۇن ساداسى ياڭرىتىلىپ، ئېنىقسىز خەلقئارا ۋەزىيەتكە مۇقىملاشتۇرغۇچ قوشۇلدى، دۇنيا تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەندى.

دىققەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئالغا سىلجىتىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ باشىلىيا ئۇچرىشىشىنىڭ «ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى يېڭىلىق يارىتىشچان كەلگۈسىنى يارىتىدۇ» دېگەن بۇ باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەۋر پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «يېڭىلىق يارىتىشچان كېسەك ئالتۇن» تورى، كەلگۈسى تور تەتقىقات يۇرتى قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يارىتىپ، يېڭى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. باشىلىيا خىتابنامىسى «يېڭىلىق يارىتىشچان كېسەك ئالتۇن» تورى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى يېڭى رامكىسى ئورنىتىشنى قارشى ئالىدۇ، بۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، بەش دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.

«كېسەك ئالتۇن+» روھى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى كېڭەيتىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەش دۆلەت «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقىنى سۇپا قىلىپ، كەڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوللىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دوستلار چەمبىرىكىنى بارغانسېرى چوڭايتىپ، ھەمراھلىق تورىنى بارغانسېرى كېڭەيتىشى كېرەك. رەھبەرلەر كېسەك ئالتۇن يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خادىم كۆپەيتىش مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى ھەم ئۇنى كېسەك ئالتۇن كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى، «كېسەك ئالتۇن+» ھەمكارلىقى ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈچىنچى، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو ئىدىيەسى، ئەقىل - پاراسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇندى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ھازىرقى 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانلار تارىخىي مۇساپىسى ۋە خەلقئارا ئەندىزە ئۆزگىرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى مۇپەسسەل خۇلاسىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى شەرھلەندى. ھازىرقى دۇنيادا ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرى گىرەلىشىپ داۋالغۇۋاتىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش - تۇرماسلىق، قانداق كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى مۇراجىئەت قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇشتا دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سىستېمىدىكى يادرولۇق ئورنىنى قوغداپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ يادرولۇق ئاساسىي مەزمۇنى شۇكى، خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىشى كېرەك، بىر دۆلەت ياكى ئاز ساندىكى نەچچە دۆلەتنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆپ تەرەپچىللىك نىشانى، ئاساسىي مەقسىتى توغرىسىدىكى بايانلىرى ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇھىم رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇندى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىرادە، ئىشەنچنى ساقلاپ، يەر شارىۋىلىشىش ئېقىمىغا سىڭىشىپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز يولىدا مېڭىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلەپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى ھەمدە غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچى تەمىنلىگەن مۇھىم پۇرسەتنى تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشكە ئىلھاملاندۇردى.

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىندى. كېسەك ئالتۇن ئەزالىرى ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، ياۋروپادىن ئىبارەت ھەرقايسى چوڭ قىتئەلەردىن كەلگەن. رەئىس شى جىنپىڭ تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان، يېڭىلىق يارىتىدىغان - ئاشۇرىدىغان، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا − تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نىشاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئېچىۋېتىلگەن، يۇغۇرما دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ توغرا ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتقان ۋە كېڭەيتكەن بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى جورىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ يېقىشچانلىقى ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە يېقىن ئۆتۈشىدە تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇردى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، تۆت قېتىم ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى سالاپىتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى. كۈچلۈك داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزىگە قەتئىي ئىشىنىدىغان سىياسىي جاسارەت، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، دىپلوماتىيە سەھىپىسىنى سالماقلىق بىلەن پۈتۈپ، جۇڭگونىڭ چاقىرىق كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچلۈك ئاشۇردى.

«ئىشلىرىمىز ياشناپ رەڭدار بۇلۇتتەك بولغۇسى». 70 يىللىق جۇڭگو دىپلوماتىيەسى جاپا - مۇشەققەت، توسالغۇلارنى يېڭىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، قالتىس بولغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىنى ئاچتى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دىپلوماتىيەسى كۈچ - قۇدرىتى ۋە تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئېغىر ۋەزىپە زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولۇپ، مۇقەررەركى تېخىمۇ قالتىس گۈزەل ئەتىنى يارىتىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ كېلىدىغان، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن يېڭى سەلتەنەتلىك سەھىپە پۈتەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.