تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ياخشى ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ ئاساسى

    ياخشى ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا مېدىتسىنا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ مۇھىم تېمىسى. بەزى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئۇيقۇنى «كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى»گە ئوخشىتىپ، ئۇيقۇنىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەسىرىنى روشەن كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندا  ئېلان قىلىنغان بۇ ئىلىم-پەن نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، ياخشى ئۇيقۇ مېڭىدە پەيدا بولغان ھەر خىل «ئەخلەت»لەرنى ئۈنۈملۈك تازىلاپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
    ئۇيقۇ ساغلام بولمىسا ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ياخشى ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، زېھنىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ھالبۇكى ھازىرقى جەمئىيەتتە، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۇخلىيالماسلىق، ئويغىنالماسلىق ۋە ياخشى ئۇخلىيالماسلىقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىكى 90 نەچچە خىل ئۇيقۇ كېسەللىكى كىشىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار تەخمىنەن %38نى ئىگەللەيدىكەن. ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىمۇ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن. بۇ يىل «دۇنيا ئۇيقۇ كۈنى»دە ئېلان قىلىنغان «2019-يىلى جۇڭگو ياشلار ئۇيقۇسى ئاق تاشلىق كىتابى»دا كۆرسىتىلىشىچە،  ئېلىمىزدە %62.9 ياش-ئۆسمۈرنىڭ كۈنلۈك ئۇيقۇسى سەككىز سائەتكە يەتمەيدىكەن، ياش-ئۆسمۈرلەردە ئۇيقۇ ئومۇميۈزلۈك كەمچىل ئىكەن. ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلېۋىزور، يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇچرىشىش ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەب بولۇپ، مەكتەپ، ئاتا-ئانىلار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.
    ئۇيقۇنىڭ ساغلاملىققا بولغان مۇھىملىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى «ئۇيقۇ ئىقتىسادى»نىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. كەسپى زاتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030-يىلىغا كەلگەندە، ئېلىمىزنىڭ ئۇيقۇ كەسپى بازار كۆلىمىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدىكەن. بۇ يىلقى «قوش 11»دە، نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ساغلام ئۇيقۇنى چۆرىدەپ، بىر قىسىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇيقۇغا ياردەم بېرىدىغان مەھسۇلاتلار، مەسىلەن، ئۇيقۇ ياستۇقى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇيقۇ كۆزەينىكى قاتارلىقلارنى بەس-بەستە مەيدانغا چىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇيقۇ بازىرىنى ئېچىش ئۇيقۇ ئۆي جاھازىلىرى، ئۇيقۇ ساغلاملىقى، ئۇيقۇ باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چوڭ ساغلاملىق كەسپىنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيقۇ مېدىتسىناسىغا كۈنسېرى ئەھمىيەت بېرىلىپ، دۆلەت ئىچىدە مۇستەقىل پەن بولۇپ قالدى، نۇرغۇن دوختۇرخانىلار ئۇيقۇ مەركىزىنى مۇستەقىل بۆلۈم قىلىپ تەسىس قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇغا كۈنسېرى ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇيقۇ مېدىتسىناسى تەتقىقاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 

                                                                                                                                             خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى