تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

4- ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

4- ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 8- ئومۇمىي يىغىنىنى 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8- ئومۇمىي يىغىنىنى 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل ھەقىقىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە جەزمەن ئۆگىنىدىغان مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەن)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىرىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»نىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش بىلەن تولۇق قاپلاش، خىرە نۇقتا قالدۇرماسلىق، ئاق قالدۇرماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەشۋىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شەكىل - ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ھەر تەرەپلىمە كۆپ قاتلاملىق تەشۋىق قىلىپ، تۈرلۈك تاراتقۇلار تەڭ ئاۋاز چىقىرىدىغان، تور ئىچى - سىرتىنى تولۇق قاپلايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كارخانىلار، يېزا - كەنتلەر، مەكتەپلەر، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە يۈزتۇرا تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق 4- ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ قەلبلەرگە يەنىمۇ چوڭقۇر سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. 4- ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.