تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى بىڭتۇەندە ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى شىڭ، ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 11- ئاينىڭ 14- كۈنى، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى بىڭتۇەندە ئۆتكۈزۈلدى.

مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن پېييەن لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي سۈن جىنلۇڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا تيەن پېييەن پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر، ئېنىق شەرھلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى شەرھلەپ، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ، ئومۇمىي نىشان ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مېغىزلىق چۈشەندۈردى. دوكلات ھەم مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق، ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكى بار، شۇنداقلا ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشى، تەشۋىق قىلىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىدا مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

سۈن جىنلۇڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بۇ قېتىمقى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيەسىنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ بىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە بىڭتۇەندىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن بىڭتۇەندە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغاپ، بىڭتۇەننىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۇي، كۇڭ شىڭلۇڭ، شاۋ فېڭ، جاڭ ۋېنچۈەن، مۇتەللىپ مەتتوختى، جاڭ يۇڭ، جۇڭ بو دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. دوكلات بېرىش يىغىنى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، شىخەنزە داشۆسى، تارىم داشۆسى، ھەرقايسى تۇەن - چاڭلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

11- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، تيەن پېييەن يەنە 6- شى 102- تۇەن 4- ليەنگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تۈگۈنلەرنى يەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى