تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدە قىش پەسىللىك پار بىلەن تەمىنلەش ياخشى ئىشلەندى ئاممىنىڭ جىسمى ئىللىتىلدى، قەلبى تېخىمۇ ئىللىتىلدى

− دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا

«ئۆي ئىچى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئىللىدى، بىز ئەمدى قىشنى راھەت ئۆتكۈزەلەيدىغان بولدۇق» دېدى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چىڭفېڭ يولى تەۋەلىك رايونى گۇاڭمىڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى بەكرى كېرەم.

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھە باشقۇرۇش ئىشخانىسى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالدىرىغان، غەم قىلغان، ئارزۇ قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن پىلان تۈزۈپ، قىش پەسلىدىكى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، دىققەت قىلىدىغان پار بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ئالدىن قول سېلىپ ھەل قىلىپ، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى. پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھە باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى، تېرموئېلېكتىر ئىستانسىسى، بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي جايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەق مەيداندا تەكلىپ ئېلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل رەتكە تۇرغۇزۇپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان 50 ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدىن تىزىملىك تۈزۈپ چىقتى، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، پار بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھە باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىنىدىغان قورۇلارنىڭ 35 كىلومېتىر كونا تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى تاماملاپ، 59 ئاھالىلەر تەۋەلىك رايونىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 150 مىڭ كىۋادرات مېتىر كونا ئولتۇراق رايونلىرىدىكى ئۆي ئىچى ئىسسىنىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، ئۆزگەرتىلگەن رايونلاردىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىش سۈپىتى ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھە باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نازارەت قىلىش سۇپىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئەرز قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 10- ئاينىڭ 10- كۈنى پار بىلەن تەمىنلەش باشلانغاندىن بۇيان، ئەرز قىلىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %15 تۆۋەنلىگەن.

«بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۆيۈمدىكى پار ئانچە ئىسسىمىغانىدى، تېلېفون ئۇرغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ بەردى، يېرىم سائەتكە قالمايلا ئۆيۈم ئىللىدى» دېدى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى جىڭئېر يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى نىڭ.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى خەلق رايىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي تەدبىر چىقىرىپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدىن بۇرۇن، بۇ شىركەت پار بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك چىگىش، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە بىرتۇتاش قېلىپلاشقان جاۋاب بېرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ھەق ئېلىش خادىمى، رېمونت ئىشچىسى، خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش خادىملىرىنى تەربىيەلەپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش ئالاقە كارتىسى تارقىتىپ، خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش تېلېفونىدىن سەككىزنى ئېچىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ دەۋا - تەلىپىنى مۇۋاپىق ھەل قىلدى.

ئۈرۈمچى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى يەنە كەينى - كەينىدىن ئۈندىدار، چىقىمدان، تور بانكىسى، تور سىرتى قاتارلىق كۆپ خىل ئىسسىنىش ھەق تاپشۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆيىدىن چىقمايلا ھەق تاپشۇرۇش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرەلەيدىغان، سىياسەتتىن مەسلىھەت سورىيالايدىغان، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كاشىلىسىنى رېمونت قىلدۇرالايدىغان قىلدى.

شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى خەلق تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تېخنىكىسى سەرخىل، سەۋىيەسى يۇقىرى رېمونت ئىشچىلىرىنى تاللاپ جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، جىددىي رېمونت قىلىش ھەم ئەرز تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 30 مىنۇت ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خېرىدارلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھە باشقۇرۇش ئىشخانىسى بازار باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ پېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي ئىچى ئىسسىنىش سىستېمىسى توسۇلۇپ قېلىش، كىلاپاندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھە باشقۇرۇش ئىشخانىسى 11- ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈن ساھە بويىچە «ئەلنى زىيارەت قىلىش، ئىسسىنىشنى سۈرۈشتۈرۈش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ جىسمىنى ئىللىتىدۇ، قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى