مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر گاۋ يۇڭرۇي
مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مورىلىق، كىچىكىمدە ئاز سانلىق مىللەت ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە ئوينايتتىم، ئاتا - بوۋىلىرىمنىڭ ئېغىزىدىن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ھەر مىللەت قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىگە دائىر ئاز بولمىغان ئىشلارنى ئاڭلىغانىدىم. 1933- يىلى، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئائىلەمدىكىلەر جىمىسار ناھىيەسىگە قېچىپ بارغان ئىكەن. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يۇرتقا قايتىپ كەتكەن ئىكەن، ئائىلىمىزنىڭ يېرىنى ئاللىقاچان باشقىلار تېرىۋاتقان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە، ئائىلىمىز تېرىلغۇ يەرنى قايتۇرۇۋالغان ئىكەن، ئاز سانلىق مىللەت قوشنىلىرىمىز يەنە ئۇرۇقلۇق ياردەم قىلىپ، قوش كالىسىنى ئارىيەتكە بېرىپ، ئائىلىمىزنىڭ زىرائەت تېرىشىغا ياردەم بەرگەن ئىكەن، ئۇلارنىڭ ياردىمىدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىپتىكەنمىز. مېنىڭ بىر ھاممام كىچىك چېغىدىلا ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئاق كۆڭۈل ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسى تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان ئىكەن، توققۇز يېشىدا ئائىلىمىزگە قايتىپ كەلگەن ئىكەن.
ئېسىمدە قېلىشىچە 1975- يىلى، مەن دۇڭچېڭ بازىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، بىر قېتىملىق خىزمەت جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتۇمنى قايرىۋالغانىدىم. بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى ئوڭ پۇتۇمنىڭ بەش بوغۇم سۆڭىكىنىڭ ھەممىسى چىقىپ كەتكەنلىكىنى، دوختۇرخانا ئالمىشىپ داۋالىنىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئىككىنچى كۈنى، دۇڭچېڭ بازىرى جىشىنلياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قازاق مىللىتىدىن بولغان بىر سۇنۇقچىنى ۋە ئىككى قازاق ياشنى ئېلىپ ئۆيۈمگە مېنى يوقلاپ كەلگەنىدى. مەن كارىۋاتتا ئاغرىق ئازابىدىن تولغىنىپ ياتاتتىم، ئۇلار ماڭا كىرىستال تۇز بىلەن قېنىق چاي قاينىتىپ پۇتۇمنى يۇيۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇشۇنداق قىلغاندا پۇتنىڭ ئاغرىقى يېنىكلەپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دەسلەپتە قول بارمىقى تەگسىلا پۇتۇم ئاغرىغانىدى، يېرىم سائەت ئەتراپىدا يۇيغاندىن كېيىن، ئاغرىق پەسىيىشكە باشلىدى. ئۇلار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن پاراڭلىشىپ دىققىتىمنى تارتتى، مەن دىققەت قىلمىغان چېغىمدا، سۇنۇقچى تۇيۇقسىز قاتتىق بىر تارتىپ تولغىدى، مەن ئاغرىقتىن قاتتىق ۋارقىراپ كەتتىم. سۇنۇقچى پۇتۇمنىڭ ئالىقىنىنىڭ تۈزلەنگەنلىكىنى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىناپ بېقىشىمنى ئېيتتى، نەتىجىدە پۇتۇم راستتىنلا تۈز دەسسىيەلەيدىغان بولغانىدى. بىرقانچە ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداش زەخمەمنى ساقايتتى، مەن بەك مىننەتدار بولغانىدىم، ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايمەن.
1993- يىلى مەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە خىزمەتكە يۆتكىلىپ كەلدىم، كېيىن شىنخۇ يېزىسىنىڭ مۇيې كەنتىگە ئەۋەتىلدىم. بىر كۈنى ئەتىگەندە، كەنت ئىشخانىسىدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نۇران مېنى ئىزدەپ كېلىپ، كەنتتىكى بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ كېسەل بولۇپ ۋاپات بولغانلىقىنى، داۋالىنىش ئۈچۈن ئۆيىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بولغانلىقىنى، قازاق مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بويىچە، بۈگۈن مېيىتىنى ئۇزىتىپ يەرلىكىگە قويىدىغانلىقىنى، بىراق ھازىر ئۆيىدە ئازراقمۇ پۇل يوقلۇقىنى ئېيتتى. مەن ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال يېنىمدا بار 200 يۈەننىڭ ھەممىنى چىقاردىم. بىردەمدىن كېيىن، پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلدى، بەزىلىرى ئۆيىدىكى چەينەكنى ئېلىپ كەلسە، بەزىلىرى داستىخانغا بىر - ئىككى ناننى ئوراپ ئېلىپ كەلدى، قوشنا كەنتتىكى ئۆزبېك كەنت ئاھالىلىرىمۇ كەلدى، كەلگەنلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بوۋاينىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بېجىرىلىپ تۈگىدى.
بۇنىڭغا ئوخشاش ھەر مىللەت ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىشلار يەنە ناھايىتى كۆپ، بۇ ئىشلار گەرچە كىچىك بولسىمۇ، بىراق مەن ئۇنتۇيالمايمەن. ھەر مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى بىر خىل ياخشى ئەنئەنە، مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. ھەر مىللەت ئىتتىپاق، ئىناق، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، مۇشۇنداق مۇھىتتا ياشاشنى ئاندىن بەخت دېسە بولىدۇ. مەن باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى پۇقرا بولىمەن.