تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گۇاڭشى يۇڭفۇ: تاغلىق يۇرتتا لوخەن مېۋىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

گۇاڭشىنىڭ يۇڭفۇ ناھىيەسى لۇڭجياڭ يېزىسىدىكى بىر نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، بىر ئىشچى لوخەن مېۋىسىنى قاقلاپ قۇرۇتۇش ماشىنىسىغا سالماقتا (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشىنىڭ يۇڭفۇ ناھىيەسىدىكى چەت، يىراق تاغلىق رايونغا جايلاشقان لۇڭجياڭ يېزىسى كىلىمات شارائىتى ۋە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، لوخەن مېۋىسى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى. 2019-يىلى يېزا بويىچە لوخەن مېۋىسى ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 16سى، پىششىقلاش كارخانىسىدىن 12سى بار بولدى، لوخەن مېۋىسى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 25 مىڭ موغا يەتتى. 2019-يىلى لۇڭجياڭ يېزىسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 824 نامرات ئائىلىدىن 672سى لوخەن مېۋىسى ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندى. پەقەت لوخەن مېۋىسىدىن ئىبارەت بىر تۈرلا نامرات ئائىلىلەرگە 7 مىليون 290 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي پايدا ياراتتى. (جاڭ ئەيلىن فوتوسى)

گۇاڭشىنىڭ يۇڭفۇ ناھىيەسى لۇڭجياڭ يېزىسىدىكى بىر نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، بىر ئىشچى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا قۇرۇتۇلغان لوخەن مېۋىلىرىنى كۆرسەتمەكتە (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
گۇاڭشىنىڭ يۇڭفۇ ناھىيەسى لۇڭجياڭ يېزىسىدىكى بىر لوخەن مېۋىسى ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا لوخەن مېۋىسىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
گۇاڭشىنىڭ يۇڭفۇ ناھىيەسى لۇڭجياڭ يېزىسىدىكى لوخەن مېۋىسىنى يىغىۋېلىش نۇقتىسىدا، ئىشچىلار لوخەن مېۋىسىنى يۆتكىمەكتە (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
گۇاڭشىنىڭ يۇڭفۇ ناھىيەسى لۇڭجياڭ يېزىسىدىكى بىر نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، بىر ئىشچى قاقلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىنكى لوخەن مېۋىسىنى خالتىغا قاچىلاپ ئاغزىنى ئەتمەكتە (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
گۇاڭشىنىڭ يۇڭفۇ ناھىيەسى لۇڭجياڭ يېزىسىدىكى بىر نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، بىر ئىشچى لوخەن مېۋىسىنى ئىشكالا بىلەن ئايرىپ تاللىماقتا (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
گۇاڭشىنىڭ يۇڭفۇ ناھىيەسى لۇڭجياڭ يېزىسىدىكى بىر نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، ئىشچى لوخەن مېۋىسىنى سىرتقا توشۇش ئۈچۈن ماشىنىغا قاچىلىماقتا (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
گۇاڭشىنىڭ يۇڭفۇ ناھىيەسى لۇڭجياڭ يېزىسىدىكى بىر نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا، ئىشچىلار لوخەن مېۋىسىنى سانىماقتا (11-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).
مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى