تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەنجى ناھىيەسى: ئېڭىز يەرگە تېرىلغان چامغۇردىن كەنت ئاھاللىرى خوش بولدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئەزھەر، ما چىڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): «خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ يىل 10 مو ئېڭىز يەرگە چامغۇر تېرىدىم، ئۆسۈش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى.» 11-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بېيداچۈ يېزىسى تەيپىڭچۈ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ياسىن پەيزىر خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە چامغۇرنى يىغدى. بۇ يىلقى ھوسۇل ئالغان چامغۇرلارنى كۆرۈپ، ياسىن پەيزىر ناھايىتى خۇشال بولدى.
    بۇ يىل 8 ـ ئايدا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پەن ـ تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ تەيپىڭچۈ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى ئاستىدا، ياسىن پەيزىر بىلەن ئەنۋەر راخمان 10 مو يېرىدىكى بۇغداينى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن، چامغۇرغا تېرىپ، ماشىنا بىلەن تېرىپ ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ، چامغۇرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
    تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاۋ چۈنشېڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېتىز بېشىغا بېرىپ زىرائەت تېرىش، ئېتىز پەرۋىشى، سۇ ۋە ئوغۇتنى تەڭشەش-تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلدى.
    ئىككى ئايدىن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، ياسىن پەيزىر بىلەن ئەنۋەر راخمان چامغۇردىن ھوسۇل ئالدى. ياسىن پەيزىر مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى بىزگە چارە - تەدبىر كۆرسەتتى، يەنە ئېتىزغا بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، چامغۇرلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، بىزگە يەنە سېتىش يولىنى ھەل قىلىپ بەردى، ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»
    جاۋ چۈنشېڭ مۇنداق دېدى: «چامغۇرنىڭ بازار ئىستىقبالى ياخشى، باشقۇرۇش تېخنىكىسىمۇ نىسبەتەن ئاددىي، كەنت ئاھالىلىرى تېرىشنى خالايدۇ. بۇ يىل سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بىز چامغۇرنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمىنى، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، چامغۇرنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ  ‹بېيىش مېۋىسى›گە ئايلاندۇرىمىز». 
     

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى