تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى) خەيرلىك سەھەر! يېڭى بىر مەيدان كۈچلۈك سوغۇق ئېقىم بۈگۈن شىنجاڭغا يېتىپ كېلىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن ۋە ھۆل- يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. سوغۇق ئېقىمنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتى تېز بولغاچقا، بۈگۈن كۈندۈزدە ھۆل- يېغىن كۆرۈلمىگەن شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا، بۈگۈن كېچىدىن ئەتە كۈندۈزگىچە يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن. يۇقىرىقى بىر قىسىم رايونلاردا ۋە قاراماي شەھىرىدە 5 ~ 6 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، 3 بال شامال چىقىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃7، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃3- بولىدىكەن. بۈگۈن كېچىدىن ئەتە كۈندۈزگىچە ئوتتۇراھال قار يېغىپ، كېيىن ئازراق قارغا ئايلىنىدىكەن.
شوپۇر ئۇستاملار دىققەت، بۈگۈن 10 بال ئەتراپىدىكى غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگۇغىچە، S201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسىنىڭ تولى كونا شامال ئېغىزى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان يول بۆلەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.