تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى، شۈ شيەنمىڭ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، «100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» قانۇنچىللىق تەشۋىقات پائالىيىتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 11- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى شۈ شيەنمىڭ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى. دوكلاتتا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق يېشىپ بېرىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى ئىجادىي بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى شەكىللەندۈردى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدە قىلىپ قۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولۇش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇن ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، قانۇننى تەتبىقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاڭلىق ھالدا قانۇننى قەدىرلىشى، ياخشىلىققا ئىنتىلىشى، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇنچىل تەپەككۇر ۋە قانۇنچىل ئۇسۇلدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ بىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «100 قانۇنشۇناس 100 مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى» قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ئالىي مەكتەپلەردە قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى پائالىيىتىنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، «ئىككى 100» پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىلىشى، چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، قانۇنچىللىقنى قەدىرلەيدىغان قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.