تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

شېنجوۋ ئالەمگە ئۇچتى

2005- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئالەم ئۇچقۇچىسى فېي جۈنلۇڭ، نيې خەيشېڭلار ئولتۇرغان شېنجوۋ - 6 ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بوشلۇققا ئوڭۇشلۇق كۆتۈرۈلدى.

دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىدە تەدبىر بەلگىلەپ يولغا قويۇلدى ۋە ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى. 1986- يىلى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش «863 پىلانى»غا ئېنىق كىرگۈزۈلدى. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1992- يىلى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز تارىخىي بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى. 1999- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى سەھەردە، چاڭجېڭ ناملىق راكېتا دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان شېنجوۋ - 1 ناملىق ئادەمسىز تەجرىبە ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىنى زىيارەت قىلدى. شېنجوۋ - 1 ناملىق تەجرىبە ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى ۋە قايتۇرۇپ كېلىنىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم، زور بۆسۈشكە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى. 2003- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئالەم ئۇچقۇچىسى ياڭ لىۋېي ئولتۇرغان دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئادەملىك ئالەم كېمىسى شېنجوۋ - 5 مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، جۇڭگو بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە ۋە ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيادا ئادەملىك ئالەم قاتنىشى پائالىيىتىنى مۇستەقىل قانات يايدۇرالايدىغان ئۈچىنچى دۆلەتكە ئايلاندى.

ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپلا، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يەنە يېڭى ھالقىش بولدى، 2005- يىلى 10- ئايدا، دۆلىتىمىز شېنجوۋ - 5تە «بىر ئادەم بىر كۈن» ئالەمگە ئۇچۇشتىن شېنجوۋ - 6دە «كۆپ ئادەم كۆپ كۈن» ئالەمگە ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. فېي جۈنلۇڭ، نيې خەيشېڭنىڭ 115 سائەتلىك ئۇچۇش مۇساپىسىدە ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ ئادەم قاتناشقان تۇنجى بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى تاماملاندى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى قەدەمنى بېسىشىدىكى مۇھىم باشلىنىش، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە يەنە بىر ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شېنجوۋ - 6 دىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى