تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ كىرگۈزگەن ئىجادىي سۇغۇرتا تۈرى ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەر قوي بېقىشتا زىيان تارتماي مۇقىم كىرىم قىلىدىغان بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دەي شياۋيې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن يۈجۈن خەۋىرى، فوتوسى): «قوي بېقىشتا نېمىدىن بەك ئەنسىرەيمىز؟ قوينىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ئاغرىپ قېلىشى، باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ھەممىمىز ئەنسىرەيمىز.» 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى شىۋول يېزىسى داشكۆل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەبەر روزى يەم-خەشەكلەرنى قوي قوتىنىغا تاشلىغاچ، ئوت يەۋاتقان قويلارغا قاراپ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قوي باققاندا ئەنسىرەيدىغان ئىشى توغرىسىدا سۆزلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ بېقىۋاتقان 20 قوينىڭ ھەممىسى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلدى، يۇقىرىدا ئېيتقان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، ئۇ بىر يىل جاپا تارتىپ تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى.

  11-ئاينىڭ 11-كۈنى، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەشكىللىگەن نامراتلارنى يۆلەش نەسىللىك قوي باقمىچىلىق كىرىمى سۇغۇرتا تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، سۇغۇرتا توختامى كۈچكە ئىگە بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش قويىنى كۆپەيتىش مەيدانىدىكى 4800 تۇياق گۆش قويى ئۆزىگە تەۋە سۇغۇرتىغا ئىگە بولىدىغان بولدى.

  كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە، سۇغۇرتا كېلىشىمىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاساسىي نەسىللىك قوينىڭ ھەممىسى سۇغۇرتىلانغان قوي بولىدۇ، سۇغۇرتا مۇددىتى ئىچىدە، تەبىئىي ئاپەت، كۈتۈلمىگەن ھادىسە، كېسەللىك، تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەل، قىيىن تۇغۇت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۇغۇرتىلانغان قوي سۇغۇرتا تالونىدىكى پۈتۈشكەن جايدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ياكى باھاسى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەڭ ئاخىرىدا سۇغۇرتىلانغان قوينىڭ ئەمەلىي كىرىمى كاپالەت كىرىمىدىن تۆۋەنلەپ كەتسە، پۈتۈشكەن بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇغۇرتا مۇددىتى ئىچىدە كۈچلۈك يۇقۇمچانلىققا ئىگە يۇقۇملۇق كېسەل كۆرۈلۈپ، ھۆكۈمەت مەجبۇرىي ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغانلىقتىن، سۇغۇرتىلانغان قوي سۇغۇرتا تالونىدا پۈتۈشكەن جايدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، پۈتۈشكەن بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ.

  «ئەگەر كېلىشىمدە بار ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھەربىر قويغا 1820 يۈەن تۆلەم پۇلى بېرىلىدۇ، بۇ كاپالەت مەيلى قوي باققۇچىلار بولسۇن، ياكى كۆپەيتىش مەيدانىمىز بولسۇن، ھەممىمىز ئۈچۈن <خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى> بولۇپ قالدى.» بۇ قېتىمقى مۇراسىمدىكى كېلىشىم ئىمزالىغۇچى، كېرىيە ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش قوي كۆپەيتىش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭ جىنكېن ئاۋچۈن دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دەي شىيوۋ شۇنداق دېدى.

  11-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۇغۇرتىنىڭ كاپالەت سوممىسى 12 مىليون 740 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يۇقىرىقى سۇغۇرتا تۈرى بۇ شىركەتنىڭ ئىجادىي سۇغۇرتا تۈرى بولۇپ، بۇ، دۆلەت يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى ئۇسۇلىدا قانات يايدۇرغان پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشتىكى ئىجادىي سىناق نۇقتىسى ئىكەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، كۆپ قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجى بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدىكەن. بۇ خىل سۇغۇرتا تۈرى نۇسخىلاشقا بولىدىغان، ئومۇملاشتۇرۇش ئوڭاي بولغان، دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىن بولغان پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ئەندىزىسىگە ئىگە ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شىركەت كەسپىي دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدا غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى