تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، گۈزەل يېزا-كەنت ئولتۇراقلىشىشقا، شۇنداقلا خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشقا ماس كەلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گاۋ خەن): تۈپتۈز يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى قاتار-قاتار تىزىلغان، ئۆينىڭ ئالدى-كەينىدىكى توغراقلار ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەن، گۈللۈكتىكى سەبدەرگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ئىدى... قىش كىرگەن بولسىمۇ، شىنجاڭ كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسى پەشتاق كەنتى يەنىلا رەڭگارەڭ تۈستە ئىدى، كەنت قىياپىتىنىڭ «چىرايلىق» بولۇشى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن كەلگەن ئىدى.

«يېڭى ئۆيلەرمۇ سېلىندى، يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى، بۇلغىما سۇلار مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان، ئەخلەتلەر بىر تۇتاش يىغىۋېلىنىدىغان بولدى، تۇرۇبا سۈيى ئۆيلەرگە كىردى، ئۆزگىرىش ئىنتايىن زور» دېدى پەشتاق كەنت ئاھالىسى ئىسمايىلجان مەمەت يۇرتىنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئىسمايىلجان مەمەت ئۆيىنى يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ زىننەتلىگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر داۋاملىق كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن چېچەن ئىسمايىلجان دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشنى ئويلىدى.

ئىلگىرى يەر تېرىساق قورساق تويغۇزۇشقىلا يېتەتتى، بۇ يىل دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقاندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن سودام بەك ياخشى بولدى، كىرىمىم بىراقلا 30 مىڭ يۈەن ئاشتى.» ئۇ مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە بىر كۈندە ھەتتا 200دىن كۆپرەك ئىستېمالچى كېلىپ تاماق يەيدۇ».

دېھقاندىن دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ خوجايىنىغىچە ئىسمايىلجان مەمەتنىڭ سالاھىيىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىش يۇرتىنىڭ كەنت قىياپىتىدە يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشتىن كەلگەن.

پاكىز، رەتلىك كەنت ئىلگىرىكى ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ تۇرىدىغان، چىۋىن، پاشىلار قايناپ تۇرىدىغان «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» ھالەت بىلەن خوشلاشتى، بۇنىڭ ئورنىنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئىقتىدارى ئۈچ رايونغا ئايرىلغان، ئەخلەت، بۇلغىما سۇلار تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىنىدىغان يېڭى مەنزىرە ئالدى، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يېڭى مۇھىت بولغاچقا ئۇ ئاچقان دېھقانلار ئارامگاھىغا كېلىدىغان خېرىدارلارمۇ كۆپەيدى.

پەشتاق كەنتى شىنجاڭدا يېزا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغانلىقنىڭ بىر كىچىك كارتىنىسى خالاس، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى بارلىق مەمۇرىي كەنتتە كەنت تازىلاش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 84 مىڭ 100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئېرىق-ئۆستەڭ تازىلاندى، 80 مىڭ 900 توننا لاي-لاتقا تازىلاندى، يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن 1 مىليون 555 مىڭ 600 ئائىلە تاماملىنىپ، پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %47تىن ئاشتى.

«بۇ جايدا ئىلگىرى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى كېسەك ئۆي ئىدى، ئۆينىڭ تورۇسلىرى كونىراپ، ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغان ئىدى، ھازىر مۇھىت تۈزەش ۋە ھويلا-ئاران ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، يېزا-كەنت مۇھىتى گۈزەللىشىپلا قالماي، يەنە شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى تۈرتكىگە ئېرىشتى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياخشى ئاساس سېلىندى» دېدى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ كادىرى ئابدۇرېشىت ئابلىمىت تونۇشتۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى