تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مەززىلىك چىلان پۇرىقى: ئالتۇنتاغ ئېتىكىدىكى قىپقىزىل مەنزىرە

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چۆ. خورە خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسىدىكى بىر قۇرۇتۇش مەيدانىدا، چىلانچى دېھقانلار چىلاننى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، ئايرىماقتا. باش قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئالتۇنتاغ ئېتىكىگە جايلاشقان چاقىلىق ناھىيەسى چىلان ئۈزۈش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاپتاپقا سېلىش، ئايرىپ رەتلەش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، قۇرۇتۇش مەيدانلىرى پارچە- پارچە قىزىل رەڭگە بۆلۈنۈپ، ھەممە يەرنى چىلاننىڭ خۇشبۇي ھىدى قاپلاپ، ئالتۇنتاغ ئېتىكىدە قىپقىزىل مەنزىرە سىزىقى پەيدا بولدى. چاقىلىق چىلىنىنىڭ دانىسى چوڭ، سوقىچاق بولۇپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇلسا توق قىزىل رەڭگە كىرىدۇ، يېڭى ۋاقىتتا ئېتى چۈرۈك ھەم تاتلىق بولىدۇ. ھازىرغىچە، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى چىلان ئېكولوگىيەلىك ئىقتىسادىي ئورمىنى جەمئىي 233 مىڭ 800 موغا، يېشىل چىلان بازىسىدىن ئېتىراپ قىلىنغىنى 100 مىڭ موغا، ئورگانىك چىلان بازىسى 100 مىڭ موغا يەتتى. چىلان كەسپىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، بۇ ناھىيەدىكى چىلانچى دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى