11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى يۆلياڭۋەن ئىستىراھەت ئارامگاھىدا قېيىق ھەيدەپ ئوينىماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يۇڭخۇڭ خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىل 10- ئايدا، شايار ناھىيەسى تارىم يېزىسى چىگەگېرەم كەنتى تارىم دەرياسى، توغراقلىق ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ يۆلياڭۋەن ئىستىراھەت ئارامگاھى قۇرۇپ، ھازىرغىچە 26 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان، يەنە يەتتە نامرات كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.
ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى