تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىدە تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى پەيدا بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى ۋېنۋۇ خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىدە گۈزەل تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى پەيدا بولدى، دەرەخ شاخلىرى خۇددى قاشتېشىدەك ساڭگىلاپ، مەرۋايىتتەك پارقىراپ، سېھىرلىك ئالەمگە ئوخشاپ قالغانىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېز سۈرئەتتە نۆلدىن تۆۋەنلىدى، ئېگىزلىكتە تۇرۇپ تۇمان سۆڭگىسىگە قارىغاندا، مۇز بىلەن قاپلانغان شىمالىي جۇڭگونىڭ مەنزىرىسى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. قارىغاي، سۆگەتلەر مۇز كىرىستاللىرى بىلەن ئورالغان بولۇپ، خۇددى چۆچەك دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.

   موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان ئېگىز تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىققا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2018 مېتىر كېلىدۇ، قىش پەسلى يېرىم يىلغا يېتىدۇ، ھەر يىلى 11- ئايدىن كېيىنكى يىلى 3- ئايغىچە تۇمان سۆڭگىسى پەيدا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى