تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو مەھەللە، ئالىي مەكتەپكە بېرىپ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى سەنشەن مەھەللىسى ۋە شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو شىنجاڭ داشۆدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇرماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى سەنشەن مەھەللىسى ۋە شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى. چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. سەنشەن مەھەللىسى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، خەتتاتلىق ئۆيى، بىلىش ۋە قىلىش پونكىتى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، تەۋەلىك رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. چېن چۈەنگو مەھەللىگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە مەھەللىدىكى ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، مەھەللىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى. 53 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە جاپپار رەجەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، دۆلەت بارغانسېرى بېيىپ قۇدرەت تاپتى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا يەنە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان كۆپلىگەن مۇھىم، زور سىياسەت ۋە تەدبىر چىقىرىلدى، بىز قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مەھەللە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي بىرلىك، مەھەللە ئىدارە قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك، ئاھالىلەر، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەھەللە ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ۋە تەشكىلىيلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆستۈرۈپ، مەھەللە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى نىشانلاپ، ئاممىنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ داشۆدە، چېن چۈەنگو ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى خىمىيە ئوقۇتۇشى بۆلۈمى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ پەن تەتقىقات ئەھۋالى ۋە ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك ئوقۇتۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۇنيادا كەم كۆرۈلىدىغان ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى، بىرى ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش مۆجىزىسى، يەنە بىرى جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇشىنى، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىنى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن چۈەنگو تەشۋىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ سۈپەتلىك قىلىپ، ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ سەۋىيەلىك قىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.