تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي قەلبى، مىللىي روھى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنىۋى بايلىقى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە مىللىي ئىززەت - ھۆرمەتنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان «يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»دا، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈرەش نىشانى چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي مەزمۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بۇ، مىللىي روھنى جانلاندۇرۇپ، مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، زور شۇنداقلا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي ئۇزاق مۇساپىسىدە، ۋەتەنپەرۋەرلىك باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت خەلقنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ روھ يېتىلدۈرۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغ روھقا موھتاج، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئارزۇنى تاۋلايدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرگەندە، ئاندىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچ ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەممىدىن مۇھىم. يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ئەقىدىسى، مەنىۋى كۈچى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى قايىل قىلارلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «كارغا كېلىدىغانلىقى»، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكىگە جاۋاب بەردى. يېڭى دەۋردىكى يېڭى سەپەردە، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، جاسارەت بىلەن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، ئەمەلىيىتىدە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەتنىڭ ئارزۇسى، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەربىر كىشىنىڭ ئارزۇسى. يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە، دەۋر باش تېمىسىنى ئىگىلەپ، كىشىلەرنى جۇڭگو ئارزۇسى ماھىيىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختلىك بولۇشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەپ، بارلىق خەلقنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش غايەت زور قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. «ھەربىر جۇڭگولۇق ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋەتەننى سۆيۈش مەجبۇرىيەت، شۇنداقلا ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، قەلب ئىنتىلىشى، سۆيگۈ ماكانى.» ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەنىۋى ماكان يېتىشتۈرۈپ، شەخسنىڭ ئارزۇسىنى دۆلەت تەرەققىياتى، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىدىكى چوڭ ئېقىمغا سىڭدۈرگەندە، بىز ئاندىن ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار، ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولالايمىز.

1997 - يىلىدىن ھازىرغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 473 ئورۇنغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دەپ نام بېرىلدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار 12 مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قۇردى، پۈتۈن جەمئىيەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدى. باھار شامىلى ئىللىتىدۇ، كەيپىيات كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن خادىملار بويىچە، پۈتۈن جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مول، كۆپ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئەمەلىيىتى شەكلىنى ۋاسىتە قىلىپ، كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا چوڭقۇر، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان، جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىدە پۇختا يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈزۈلمەس مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى