تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە قۇرۇلۇش سەۋەبلىك سۇ توختايدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە قۇرۇلۇش سەۋەبلىك سۇ توختايدۇ، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يول بويىدىكى ئاھالىلەرگە ئالدىن زاپاس سۇ ئېلىپ قويۇشنى ئەسكەرتتى.

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 10:00دىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 10:00غىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىك رايونى يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى ۋېييى يولى بىلەن چىداۋان يولىدىكى DN700mmلىق شەھەر مەمۇرىيىتى بويىچە سۇ تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى ھەمدە جىڭليۇ يولىدىكى يېڭىدىن ياسالغان سۇ تەمىنلەش تۇرۇبىسى بىلەن خۇڭگۇاڭسەن يولىدىكى DN500mmلىق شەھەر مەمۇرىيىتى بويىچە سۇ تەمىنلەش تۇرۇبىسىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىكەن.

بۇنىڭ بىلەن، چىداۋان شىمالىي يولى، خۇڭگۇاڭسەن يولى، جېنئەن كوچىسى، خېنەن يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان يولى، باداۋان يولى، جيۇداۋان يولىنى بويلىغان لىنىيەلەردە قۇرۇلۇش سەۋەبلىك سۇ توختايدىكەن.

سۇچىلىق گۇرۇھى مۇنداق ئەسكەرتتى: ھەرقايسى ئالاقىدار سۇ ئىشلەتكۈچى ئابۇنىچىلار مۇددەتتىن بۇرۇن زاپاس سۇ ئېلىپ قويۇشى كېرەك، ئەگەر ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، سۇ توختىتىش ۋاقتى كەينىگە ئۇزارتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى