تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چىن كۆڭۈلدىن يالقۇنجىغان «ئۈمىد»

گۈلنار(ئالدى رەت سولدا) بالىلار بىلەن بىللە.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 56 ياشلىق خىزمەتچىسى گۈلنار ھەسەننىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پىلال يېزىسى مەركىزىي يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بەرگىلى چۈشكەن ئىككىنچى يىلى، ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەت ئورنىغا قايتىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشىنى 2019- يىلى تۇنجى قېتىملىق مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن كەلگەن بىر تېلېفوندىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

«مۇئەللىم، بالام سىزنى سېغىندى!» بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپ، تېلېفوندىن گۈلنار ئۈچۈن تونۇش، ھەم گۆدەكلەرچە چىققان: «مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز؟» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بىردەمدىن كېيىن، تېلېفوننىڭ ئۇ تەرىپى جىمجىتلىققا چۆمدى...

«شەھىدە، شەھىدە..» بالىنىڭ ئاپىسى يەنە تېلېفوننى ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يىغلاپ كەتتى، سىزنىڭ كەلمەسلىكىڭىزدىن ئەنسىرەيدىكەن، مۇئەللىم، چوقۇم قايتىپ كېلىڭ...» «يىغلىماڭ، يىغلىماڭ، مەن چوقۇم بارىمەن» دېدى گۈلنار دەرھال.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرى، مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچى گۈلنار مۇنداق دېدى: «2019-يىلى 7-ئايدىكى ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ماشىنا قوزغالغان ۋاقىتنى ئەسلىسەم، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغلاپ تۇرغان بالىلارنى كۆرۈپ، كۆز يېشىمنى پەقەتلا توختىتالمىغان ئىدىم».

بىر يىللىق مائارىپقا ياردەم بېرىشنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن گۈلنار قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىلىق مەركىزىي يەسلىدىكى بالىلارنى ھەمىشە ئەسلەپ تۇردى.

بىر يىل بۇرۇن گۈلنار ئەمدىلا بۇ سىنىپنى تۇتقان مەزگىلدە، بىر توپ بالا چۇرقىرىشىپ كېلىپ ئۇنى ئورۇۋالغان چاغلاردا، شەھىدەنىڭ ھەمىشە ئۆزى يالغۇز سىنىپنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان، گۈلنار شەھىدەنىڭ باشقا بالىلار بىلەن ئارىلىشىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئۇنى «كىچىك سىنىپ باشلىقى» قىلىپ، ئۇنىڭ غەيرىتىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇنى يۈرەكلىك ھالدا بالىلارغا گەپ قىلىدۇرماقچى بولغان. شۇنداق قىلىپ، شەھىدەمۇ بارا-بارا ئوچۇق مىجەزلىك، جانلىق بولغان.

«ھازىر مائارىپقا ياردەم بېرىشنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن بولساممۇ، ئويلىمىغان يەردىن شەھىدەنىڭ تېلېفوندىكى گۆدەكلەرچە ئاۋازى قەلبىمدە ئىزچىل ساقلانغان قىيالماسلىق ۋە سېغىنىشنى كۈچەيتىۋەتتى» دېدى گۈلنار، شۇ كۈنى ئۇ كېچىچە ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ، پەقەتلا ئۇخلىيالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن تەشكىلگە مائارىپقا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىلتىماسىنى يېزىپ تاپشۇرغان.

2019-يىلى 8-ئاينىڭ بىر كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى گۈلنارنى ئىزدەپ مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ پارتىيە ئىستاژىڭىز ئۇزۇن، سىياسىي ساپارىڭىز يۇقىرى، خىزمەت تەجرىبىڭىز مول، سىزنىڭ ئەترەتنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشىڭىزنى سورايمىز، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقايلى.» شۇ دەقىقىدە گۈلنار ھەم ھەيران بولسا، ھەم ھاياجانلاندى. ھەيران بولغىنى تەشكىلنىڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقى ئىدى، ھاياجانلانغانلىقى بولسا ئاتۇش شەھىرىدىن كەلگەن گۈلنار بۇ قېتىم يەنە يۇرت مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرىدىغان بولغان ئىدى.

گۈلنار بالىلار بىلەن بىللە.

تەشكىلنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، گۈلنار يۈك-تاقلىرىنى ئاددىيلا يىغىشتۇرۇپ، ئائىلىدىكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئىش ئورنى»غا قايتىدىغان پەيتنى كۈتۈپ تۇردى. ھالبۇكى، ئىشلار ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، دوختۇر سالامەتلىك تەكشۈرۈش تالونىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ: «گۈلنار، بۇ قېتىمقى شىندىيەنتۇ كۆرسەتمىسىدە بىنورماللىق كۆرۈلدى، ھەرىكەتچان شىندىيەنتۇ تەكشۈرۈشى قىلىش تەكلىپى بېرىمەن» دېدى.

گۈلنار دوختۇرغا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، دوختۇرنىڭ دورا يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

2019-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، گۈلنار يەنە بىر قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى بىر تۈركۈم مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى سەككىز ئەزانى باشلاپ ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان پىلال يېزىسىغا كەلدى.

كۆپچىلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، گۈلنار يولدىكى ھارغىنلىقىنى ئۇنتۇغان ھالدا بالىلارنى كۆرۈشكە تەقەززا بولدى. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، سىيرىلغۇچ ئويناۋاتقان بالىلار ئۇنى كۆرۈپلا ئۇچقاندەك كېلىپ ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ قوينىغا ئېتىپ: «مۇئەللىم، نېمىشقا ئەمدى كەلدىڭىز، سىزنى بەك سېغىندۇق!»، «مۇئەللىم، مۇئەللىم، سىز ئۆگەتكەن قەدىمىي شېئىرنى يادلاپ بېرەي» دېيىشتى.

... ...

مۇنىرە مىجىت ئېيتقان «دۇنيادا پەقەت ئانام ياخشى» دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغان شۇ پەيتتە گۈلنار ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بەختنى ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

گۈلنار شۇنى ئۇنۇتمايدۇ: 2018-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرى دەل پىلال يېزىلىق مەركىزىي يەسلىنىڭ يېڭى بىناسى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولۇپ، يەسلىنىڭ كونا-يېڭى بىنالىرىنىڭ سۇ، توك يولىنى ئۆزگەرتىش، يەسلى ياتاقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆچۈرۈش، ئويۇن مەيدانىنىڭ يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدىغان چاغدا، يەسلى باشلىقى نۇربىيە ئىچكىرى ئۆلكىگە ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە كەتكەن ئىدى. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان گۈلنار مۇئەللىم ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر تەرەپتىن كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ يەسلى قۇرۇلۇشىنى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپچىلىكنى تەشكىللەپ يەسلى ياتاقلىرىنى كۆچۈرۈشنى تاماملىدى، كىچىك ئىشلاردىن ياتاق ئىچىنى بېزەش، كارىۋاتلارنى رەتلەپ قويۇشتىن، چوڭ ئىشلاردىن ئالاقىدار فۇنكسىيە ئورۇنلىرىنى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ماسلاشتۇرۇشقىچە، ئۇ بىر جۈپ قولى بىلەن بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى روياپقا چىقارغان ئىدى.

ئىختىيارى مۇخبىر لى لى

«شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى