تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ يىنگاڭ خەۋىرى، فوتوسى) كۈزنىڭ ئاخىرى ۋە قىشنىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونىدىكى بەيياڭخې توغراقلىقى، بەيياڭخې جىلغىسىغا كەلسىڭىز، بۇ يەردىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭدىن لىباس كىيگەن بولۇپ، توپ- توپ توغراقلار خۇددى باتۇرلاردەك جەسۇرانە قىياپەتتە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. توغراقلىقتا پىيادە ماڭغىنىڭىزدا، توغراق دەرىخىدىكى رەڭگارەڭ رەڭلەر كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ، شاخلىرىدىكى سىزىقچىلار خۇددى مەلۇم بىر مەزگىلدىكى ئالەمشۇمۇل تارىخنى بايان قىلىۋاتقاندەك، «مىڭ يىلغىچە قۇرۇمايدۇ، قۇرۇسىمۇ مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ مىڭ يىلغىچە چىرىمايدۇ» دېگەن توغراق روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. كەچقۇرۇن قۇياشنىڭ ئاستا- ئاستا پېتىشىغا ئەگىشىپ، توغراقلار سامانيولىنىڭ نۇرى ئاستىدا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل كۆرۈنۈپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
【شىنجاڭ مەنزىرىسى】قاراماي ئورقۇغا بېرىپ گۈزەل توغراقلىقتىن، يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ھۇزۇرلىنىش
مۇھەررىر :
رۇشەنگۈل ئابدۇراخمان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/11/14 17:59
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.