تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

يوللار راۋانلىشىپ، قەلبلەر باغلاندى

  «راستىنلا بەك ياخشى بولدى، بىزنىڭ يېڭى يولىمىز ئوڭشىلىپ بولدى، ھېلىمۇ ياخشى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋە <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باركەن.» قىزىلسۇ قىزغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسى تۇيۇن يېزىسى سۆڭەك كەنتىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان تۇرداخۇن مۇسا ئۇلۇغچات ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىكى تۇغقىنى خې خۇڭۋۇ بىلەن كۆرۈشكەندە ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

  تۇرداخۇن تىلغا ئالغان يېڭى يول ئەسلىدە سۆڭەك كەنتىدىن كېرچىن، ساسىق چارۋىچىلىق نۇقتىسىغا بارىدىغان بىر چارۋا يولى بولۇپ، تاغدىكى يىغىندى قارلارنىڭ ئېرىشى ھەم يامغۇر سۈيىنىڭ يالىشى بىلەن بۇ چارۋا يولىدىكى كۆپ يول بۆلىكى بۇزۇلۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى ۋە چارۋىلارنىڭ يايلاق كۆچۈشىگە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى بايان تۆمۈر ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەرھال كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى تەشكىللەپ يىغىن ئېچىپ، ھەل قىلىش چارىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئۇلۇغچات ناھىيەلىك چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلارنىڭ ياردەملىشىپ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، چارۋا يولى دەل ۋاقتىدا رېمونت قىلىنىپ ئەسلىگە كەلدى.

    «مەن چارۋىچىلىق نۇقتىسىدا شۇنچە يىل ياشاپتىمەن، بۇنچە كۆپ يۇرتداشنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئاپتوموبىللىق يولغا چىققانلىقىدەك بۇنداق كۆرۈنۈشنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. سىلەردەك ياخشى كادىرلارغا رەھمەت!» ساسىق چارۋىچىلىق نۇقتىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان جۇمابېك سارمەمەت ئۆيىدىكىلىرىنى ئاپتوموبىلغا چىقىرىپ قويغاندىن كېيىن، ناھايىتى تەسىرلەنگەن ھالدا قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر تۇغقىنى بايانغا شۇنداق دېدى.

  بايان مۇنداق دېدى: «قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ئاپتوموبىلدا چارۋىچىلىق نۇقتىسىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ بىزمۇ ئىنتايىن خۇش بولدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۇغقانلىرىمىزغا ياردەملىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ بەختلىك قىلساقلا، ئۇلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز».

(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خۇييى)

  يېقىندا، قاراماي شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلارنىڭ كۆپچىلىككە ياردەم قىلىپ يول ئوڭشاپ بەرگەنلىكى قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى كوئېنلۇن يولى نەنخۇ مەھەللىسى چىڭشيۇيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا دېيىشىدىغان قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان شيې چۇنفاڭ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بۇ ئىككى يولدا ماڭساق ئاياغلىرىمىز توپا بولۇپ كېتەتتى، يامغۇر ياغقاندا تېخىمۇ ماڭغىلى بولمايتتى، پەقەت بۇ يولدىن ئەگىپ ئۆتۈپ ئۆيگە قايتاتتۇق. ھازىر قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار يولنى رېمونت قىلدى، ھەم پاكىز، ھەم مېڭىش ئاسان بولدى، ئۇلار بىزگە بىر چوڭ ياخشى ئىش قىلىپ بەردى».

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، چىڭشيۇيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ 5-بىناسى بىلەن 8-بىناسى يېنىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغى ئوتتۇرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مېڭىشىدىن ھاسىل بولغان ئىككى چىغىر يولدا ماڭغاندا ئادەتتە چاڭ-توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقى، يامغۇر ياغقاندا بۇ يولنىڭ پاتقاق بولىدىغانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىنىڭ قولايسىز بولۇۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى. قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ جايغا ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدىغان ئىككى «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش يولى» ياتقۇزۇشنى قارار قىلدى.

  نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، يول پىلانلاش، قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈشتىن كېيىن، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر، مەھەللىنىڭ 1-شۇجىسى جاڭ باۋيۈەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلارنى باشلاپ، ئورگان ئىشلىرى شىركىتىنىڭ خادىملىرى بىلەن قۇرۇلۇش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇردى. قۇرۇلۇش جەريانىدا، يولغا ياتقۇزۇلغان خىش-تاش قەيەردىن كەلگەندۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىغا ئالدىرىماڭ، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار مىڭدىن ئارتۇق تاشلاندۇق خىشنى تېپىپ كەلدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە خىش توشۇپ، يولنى ئوڭشاپ، تۈزلەپ، بىر ھەپتىگە يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇزۇنلۇقى 70 نەچچە مېتىر كېلىدىغان ئىككى چىغىر يولنى پۈتكۈزدى.

  جاڭ باۋيۈەن مۇنداق دېدى: «گەرچە بۇ ئىككى چىغىر يولنىڭ قۇرۇلۇش سالمىقى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدا ئاۋام خاتىرجەم ۋە ئازادە يول يۈرەلەيدۇ».

(ئىختىيارىي مۇخبىر بايىن باتې)

  «يوللار ئوڭشىلىپ تۈزلەندى، بىز بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ-ئەكىلىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق.» 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى باغۋەنچىلىك مەيدانى 3-ئەترىتىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان رابىخان ساۋۇت تۈپتۈز يولنى كۆرۈپ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

  باغۋەنچىلىك مەيدانى 3-ئەترىتى دەرۋازىسى ئالدىدىن باغۋەنچىلىك مەيدانىغىچە بولغان ئاساسلىق يول ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغانلىقتىن، يول يۈزى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانىدا يول يۈرۈشىگە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، پىچان ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى ئىشلىتىپ تەكشى بولمىغان يولنى قايتىدىن تىندۇرۇپ رېمونت قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلىدى.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى خۇ شۈۋۇ مۇنداق دېدى: «بىز رېمونت قىلغان بۇ يول ئارقىلىق ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى قولايلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز خەلق ئۈچۈن داۋاملىق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن تۇغقانلار ئارىسىدا قەلبداشلىق كۆۋرۈكى تىكلەيمىز».

(ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ شۆ)

«شىنجاڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى