سايرام كۆلى شىنجاڭدىكى داڭلىق ئېگىز تاغ كۆلى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى چېگراسى ئىچىدىكى شىمالىي تىيانشان تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە كۆز يېشى» دېگەن نامى بار، بۇ يەرنىڭ تۆت پەسلى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. يېقىندا، بىر مەيدان قاتتىق قاردىن كېيىن، سايرام كۆلى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەللىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى بۇ جايغا كېلىپ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە سايرام كۆلىنىڭ سۈيى ئاسماندىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆك بولۇپ كېتىدۇ. يىراقتىن قارىغاندا، بۇلۇت، تاغ، زۇمرەتتەك سۇ، كۆك ئاسمان، ئاپئاق قار، سېرىق ئوت-چۆپلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار خۇددى بىر تال يىپەك لېنتىغا ئوخشاش سايرام كۆلىنى ئوراپ تۇرىدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى