تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدىيە چوڭقۇرلۇقىدىن چۈشەندۈرۈش  مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش

− پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. لېكسىيە دوكلاتى ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ، ئومۇمىي نىشان ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپە قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئاڭلىغۇچىلارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.

«چۈشەنچەم تېخىمۇ ئېنىق بولدى، پىكىر يولۇم تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، يۆنىلىشىم تېخىمۇ ئېنىق بولدى.» تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئارقىلىق، دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقىلىپ، كۆپچىلىكنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

 بىر مەيدان جانلىق، چوڭقۇر پارتىيە دەرسى

«لېكسىيە دوكلاتى ھەم نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە ئىگە، ھەم ئەمەلىيەت چوڭقۇرلۇقىغا ئىگە، ھەم پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى روھى توغرىسىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى، ھەم بىر قېتىملىق جانلىق، چوڭقۇر پارتىيە دەرسى، ئاڭلىغاندىن كېيىن تەشنالىقىم بەكلا قاندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يەن مېي ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا، شىنجاڭ داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ زىچىڭ ئەستايىدىل ئاڭلىدى، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇردى. «دوكلاتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، پىكىر يولى ئېنىق، ئوي - پىكىر راۋان، بايانلىرى مۇپەسسەل بولۇپ، ھازىرقى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى جانلىق ئوقۇتۇش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەرسخانىغا سىڭدۈرىمەن.

 مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

«دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە قارىتا تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق پىكىر يولىغا ئىگە بولدۇم.» ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ شياۋنىڭ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى مەزگىلدە، بىز پارتىيە قۇرۇلۇشى، قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان كۆپ تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدۇق. كېيىنكى قەدەمدە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىمىز».

 ئاساسنى پۇختىلاپ، گۈللەندۈرۈش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

«ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىمىز.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك شۆبە يىغىن مەيدانىدا دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرىمىز.

بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يې سۇچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى كونكرېت تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ «ئېكولوگىيە، قار - مۇز، مىللىي ئۆرپ - ئادەت» قاتارلىق ساياھەت ئەۋزەللىكلىرىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تېخىمۇ مول بولغان ساياھەتچىلىك ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى ساياھەت تىجارىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ بېيىتىمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، ياۋ تۇڭ، شيا چىڭ، جاڭ تىڭ، چاۋ جىن، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى لى خۇيلىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى