تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملاندى

ئاساسىي ئوقۇتۇش بىناسى زالىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى) بىر يىل ئۈچ ئاي جىددىي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى رەسمىي پۈتتى. بۇ ئاساسىي ئوقۇتۇش بىناسى، ئاساسىي مېدىتسىنا بىناسى، ئۇنىۋېرسال بىنا قاتارلىق 39 يەككە قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەكتەپكە 2019-يىللىق ئالىي مەكتەپ بىرىنچى يىللىقنىڭ 4700دىن ئارتۇق يېڭى ئوقۇغۇچىسىنى كېلەر يىلى كۆچۈرۈش پىلانلاندى.

كەڭ ھەم يورۇق دەرسخانا

  11- ئاينىڭ 11- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى باش مەكتەپ رايونىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى يېڭى مەكتەپ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان قىسمىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شەرقىي ئىككىنچى ئايلانمىنىڭ شەرقىي، شۆليەن تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، 1- قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا 3 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ 39 يەككە قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 650 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، شۇنداقلا مەكتەپ يولى، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇنى چىقىرىۋېتىش، گاز يېقىلغۇلۇق پار، تور ۋە كۆكەرتىش، سۇغىرىش سىستېمىسى قاتارلىق بارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەكتەپ ياتاق بىناسىغا تەخمىنەن 24 مىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىنى سىغىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى

  مەكتەپ رايونىدىكى ئەڭ چوڭ يەككە قۇرۇلۇش ئاساسىي ئوقۇتۇش بىناسى. ئىككى تەرىپى كارىدور ئارقىلىق ئاساسىي مېدىتسىنا بىناسى بىلەن كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا بىناسى تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۈچ بىنا "品" خېتى شەكلىدە تىزىلىپ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆگىنىش، ئوقۇ-ئوقۇتۇشىدىكى ئاساسلىق سورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇتۇش بىناسى ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئەقىل- پاراسەت، پەن- تېخنىكا، قولاي ھەم ئازادىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ ئۈنۈمى خەرىتىسى

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى جيەنگۇاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىنىپلارغا بىردەك ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، چېكىش ئارقىلىق كونترول قىلغىلى بولىدىغان چوڭ ئېكران، يۇقىرى- تۆۋەن تەڭشىگىلى بولىدىغان دەرس مۇنبىرى، ۋولفورام نانومېتىرلىق قارا دوسكا قاتارلىقلار سەپلەنگەن؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرسخانا، PBL مۇھاكىمە دەرسخانىسىغا تەتۈر ئايلانما دەرسخانا شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار دەرسخانا چوڭ ئېكرانىغا يانفونىنى ئۇلاپ، كۆپ ئېكراننى ئالماشتۇرۇش، يىراق مۇساپىلىق دەرس ئاڭلاش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارالايدىكەن.

  ئۇ ۋاقىتتا، ئەنئەنىۋى دەرسخانىلارنىڭ قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى «قارا پەن- تېخنىكا» ئەقىل- پاراسەت سىنىىپىدا زامانىۋى پەن- تېخنىكا تۇيغۇسىغا ئىگە ھەمتۈرتكىلىك ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ھېس قىلىپ، ھەر خىل تۈردىكى مۇھاكىمە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار تېببىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى مەكتەپ رايونىدىكى تەجرىبە بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى ھازىر سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش بىناسى، ئاساسىي مېدىتسىنا بىناسى، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا بىناسى

  ئىگىلىنىشىچە، 1- قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، 2- قارارلىق قۇرۇلۇش رەسمىي باشلانغان. مەكتەپ مەنزىرىسى، كۆكەرتىش، سۇغىرىش سىستېما قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، قىشلىق دەرەخ تىكىش باشلانغان. (سۈرەتنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى