تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش

2002- يىلى 11- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 16- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا 21- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 20 يىلىدا دۆلىتىمىزنى تۆۋەن سەۋىيەدىكى، ئومۇميۈزلۈك بولمىغان، تەرەققىيات ناھايىتى تەڭپۇڭ بولمىغان ھاللىق جەمئىيەتتىن 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھاللىق جەمئىيەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1979- يىلى، دېڭ شياۋپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى داپىڭ جېڭفاڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، بىرىنچى قېتىم «ھاللىق ئائىلە» دېگەن تۆت خەت ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشانىنى تەسۋىرلىدى. 1982- يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12- قۇرۇلتىيىدا 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1987- يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13- قۇرۇلتىيىدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش: بىرىنچى قەدەمدە، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 1980- يىلىدىكىدىن بىر قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئىككىنچى قەدەمدە، 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يەنە بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش؛ ئۈچىنچى قەدەمدە، 21- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا ئوتتۇرىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى بىرقەدەر باياشات قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قەدەملىك نىشانىنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇردۇق، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16- قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش كۈرەش نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ دەل: دۆلىتىمىز مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 20 يىلىدا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، ئىقتىسادنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېموكراتىيەنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، پەن - مائارىپنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق قىلىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ھاللىق قىلىشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 16- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانى، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن نىشان، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى