تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇقرالارغا بەخت يارىتىش

− لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شياڭفېڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چېن

لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسىدا ما شياڭفېڭنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسىلا، يېزا ئورگان كادىرلىرىدىن كەنت كادىرلىرىغىچە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرىدىن ئادەتتىكى كەنت ئاھالىلىرىگىچە ھەممىسى باش بارمىقىنى چىقىرىپ، ئۇنى خەلقنى ئويلايدىغان ياخشى شۇجى، دەپ ماختايدۇ.

1 ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچەيتىپ قۇرۇش

مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش

2017 - يىلى 4 - ئايدا ناھىيە ئورگىنىدىن چارباغ يېزىسىغا كېلىپ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ، ما شياڭفېڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تەشكىلات تارمىقىدا خىزمەت قىلغانلىقىدەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن يېزىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى.

چارباغ يېزىسى چارباغ كەنتىدە ئىلگىرى كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى تولۇق بولماسلىق، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قېلىپلاشماسلىق، تەشكىلىي تۇرمۇش نورمال بولماسلىق، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا قىيىنچىلىق بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جايىدا بولماسلىق ئەھۋاللىرى ساقلانغانىدى. ما شياڭفېڭ يېزىلىق پارتكوم يىغىنىدا چارباغ كەنتىنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

يېزىلىق پارتكوم ئورگان كادىرلىرىنى تاللاپ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەپ ئەۋەتىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، بېيىش باشلامچىلىرى ئارىسىدىن ئامما رازى بولىدىغان كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزە ئەزالىرىنى تاللاپ چىقتى؛ تۆۋەنگە چۈشكەن پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىرى كەنت «ئىككى كومىتېت»نىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈردى؛ ھەر ئايدا پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا ئامما باھالاش، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگەن - ئىشلىمىگەنلىكىگە ئامما بىر نەرسە دېيىش، ئىستىلدا قاتتىق بولغان - بولمىغانلىقىنى ئامما باھالاشنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەنت كادىرلىرىنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى ھەم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرگە بىر ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

«ما شۇجى، ھازىر كەنتىمىزدە تولۇقلىما ئاشكارا تارقىتىلىدىغان بولدى، ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىمۇ مول، رەڭدار بولدى، كەنت كادىرلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ناھايىتى جايىدا بولدى.» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ما شياڭفېڭ ناھايىتى مەمنۇن بولدى.

2 ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق

ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك

ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق، «ھەربىر شاخ، ھەربىر يوپۇرماققىمۇ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش.» ما شياڭفېڭ پۇقرالارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ ئىشى، دەپ بىلدى.

ما شياڭفېڭ دائىم خاتىرە دەپتىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ، ئامما ئىنكاس قىلغان قىيىن ئىش، جىددىي ئىش، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلارنى دەپتىرىگە بىر - بىرلەپ خاتىرىلەپ، ئاممىغا جىددىي ھەل قىلىپ بېرىشكە تېگىشلىك، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلاردىن قول سېلىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، مەسىلىنى بىر - بىرلەپ ھەل قىلدى. تۆۋەن كاپالەت بېجىرىش، ئۆيلۈك يەر ماجىراسى، قېيىنئانا - كېلىن زىددىيىتى، مەيلى چوڭ ئىش، كىچىك ئىش بولسۇن، ئۇنى ئىزدەپ كەلسىلا، ئۇ ئەستايىدىل بېجىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامما يېزىغا ئىزدەپ كەلگەن ئىكەن، چوقۇم كەنتتە رازى بولغۇدەك ھەل قىلىنمىغان گەپ، بىز يېزا كادىرلىرى چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك».

بىر قېتىم، گۈلباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن نىيازنىڭ بالىسى ئوت قالىغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئوت كەتتى. ما شياڭفېڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئوت ئۆچۈرۈۋاتقان ئامما بىلەن بىللە ئوت كەتكەن مەيدانغا ئېتىلىپ كىرىپ، تۇرسۇننىڭ بالىسىنى بىخەتەر جايغا يۆتكىدى. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەھۋالنى پىششىق بىلىش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت ئۆچۈرۈشىگە ياردەملەشتى. ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ما شياڭفېڭ ھالىدىن كېتىپ ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇ مۈرىسىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، قولى بىلەن سىلاپ، ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدا ئوت ئۇچقۇنىنىڭ مۈرىسىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، مۇشتۇمدەك جاينىڭ كۆيۈپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

3 كەسىپ تەرەققىياتىنى چىڭ كۆزلەش

كۈچنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش

ما شياڭفېڭنىڭ كۆڭلىدە ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى يېزىدىكى نامرات ئامما. ئۇ بىر ئېغىر نامرات رايوندىكى يېزا - بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىممىسىدىكى يۈكنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

باش سوغاققۇم كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ما شياڭفېڭ بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يېزىدىن ناھىيەگە 30 نەچچە قېتىم قاتراپ، ئاخىر ئۆزگىچە غولپىياز تېرىش تۈرىنى باش سوغاققۇم كەنتىگە ماكانلاشتۇردى.

«500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ تۈر باش سوغاققۇم كەنتىدىكى 50 تىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.» يېزىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ شۇمىن مۇنداق دېدى: بۇ پەقەت ما شۇجى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم قىلىپ كىرگۈزگەن تۈرلەرنىڭ بىرى.

پۈتۈن يېزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ما شياڭفېڭ «ناھىيەدە باشلامچى كارخانا بولۇش، يېزىدا كۆلەملەشكەن كارخانا بولۇش، كەنتتە ھەمراھ زاۋۇت بولۇش، ئائىلىلەردە كىچىك كارخانا بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك قۇرۇلمىنىڭ ئومۇمىي كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئورۇن تاللاش، لايىھەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئۆزى قاتنىشىپ، ئۆردەك بېقىش، مور تېرىش ھەم يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن تىجارەت قىلىشقىچە ھەممىسىنى بىۋاسىتە سۈرۈشتۈردى، بىۋاسىتە تەكشۈردى، بىۋاسىتە كارخانا بىلەن ئۇدۇللاشتۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كەسىپلەر كۆلەملەشكەن تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 11 مىڭ 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ما شۇجى، سىز ھەر كۈنى مۇشۇنداق توختىماي ئايلىنىپ ھارمامسىز؟» بىر قېتىم ما شياڭفېڭ چارباغ كەنتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، كەنت ئاھالىسى تۇراخان مەتتۇرسۇن مۇشۇنداق سورىدى. «سىلەر تېخىمۇ بەختلىك ياشىساڭلارلا، ھەرقانچە ھېرىپ - چارچىساممۇ غەيرىتىم شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى ما شياڭفېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى