تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

پېڭ گۈيچىن: ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى مەكتەپتە تولۇق ئېچىلدۇرىمەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

«پېڭ مەكتەپ مۇدىرى ھەم مېنىڭ پېڭ ئانام، ئۇنىڭ غەمخورلۇقى مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ خۇشال، قالتىس قىلدى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ھەم ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن» دېدى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان شەپقەت روزى مىننەتدار بولغان ھالدا. شەپقەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، پېڭ گۈيچىن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەمنىڭ بىرى.

پېڭ گۈيچىن تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. پېڭ گۈيچىننىڭ نەزەرىدە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرىدەك، ئوقۇغۇچىلار بالىلىرىدەك بولۇپ، پەقەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل ۋە بالىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرغاندىلا، مەكتەپ ئاندىن گۈزەل چوڭ ئائىلىگە ئايلىناتتى.

2013- يىلى، شەپقەتنىڭ مېيىپ دادىسى ئۇنى ئېلىپ توقسۇن ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ، نامرات ئائىلىدىن كەلگەن بۇ بالا باشتىن - ئاخىر پېڭ گۈيچىننىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پېڭ گۈيچىن شەپقەتنىڭ «پېڭ ئانىسى»غا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن سىرداشتى، ئۇنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى، ئۇ ئاڭقىرالمىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، يەنە ئۇنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۈستىگە ئالدى. پېڭ گۈيچىننىڭ غەمخورلۇقىدا، شەپقەت ئوڭۇشلۇق ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى. پېڭ گۈيچىن مۇنداق دېدى: مەن مەڭگۈ شەپقەتنىڭ «پېڭ ئانىسى»، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە داۋاملىق ھەمراھ بولىمەن.

قانداق قىلغاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇرغىلى بولىدۇ؟

«مەكتەپ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم مۇھىت، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان كوللېكتىپ بالىلارغا ياخشى بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ئاتا قىلالايدۇ، مەن ھەربىر بالىنىڭ كوللېكتىپنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىشىنى، ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچىدىن ئوزۇقلىنىپ، خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، يۇرتىنى سۆيىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى پېڭ گۈيچىن.

توقسۇن ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپتە 21 كۇرۇژوك ھەم «بىر سىنىپنىڭ بىر خىسلىتى بولۇش، بىر سىنىپنىڭ بىر خاسلىقى بولۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى، تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، بالىلارنى بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار بىر ئىشخانىدا ئىشلەپ، ئۆزئارا كەسىپ، تىل، ئىدىيە ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئورتاق ئالغا باسىدىغان ئىناق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

پېڭ گۈيچىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەكتەپتىكى ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ئۆزلۈكىدىن ئائىلىسى نامرات بىر ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتتە ياردەم بەردى. ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مەكتەپ يەنە ئۆزئارا يوقلايدىغان، ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولىدىغان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى... مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەكتەپتىكى ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا مانا مۇشۇنداق سىڭىپ كىردى، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، دائىم بېرىش - كېلىش قىلىش، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش ھېكايىلىرىنى ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

ئوقۇتقۇچى ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پېڭ گۈيچىن «ئىككىدە يېتىلدۈرۈش، بىردە يېتەكلەش، بىردە تەۋسىيە قىلىش» خىزمەت مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، يەنى، مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىلدۈرۈپ پارتىيە ئەزاسى قىلىش، پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تايانچ ئوقۇتقۇچى قىلىپ يېتىلدۈرۈش، پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار ياش ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم بېرىپ يېتەكلەش، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنى سايلىغاندا پارتىيەلىك ئوقۇتقۇچىلارنى ئالدىن تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت. ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان خىزمەت مۇھىتىدا، بىر تۈركۈم ياش ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە تەشكىلىگە كىرىپ، سىياسىي ساپاسى ۋە ئوقۇتۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر تېز ئۆستى.

پېڭ گۈيچىن توقسۇن ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن بۇيان، مەكتەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق تەربىيەسىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ» «ئاپتونوم رايون بويىچە قانۇن ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ» «ئاپتونوم رايون بويىچە پاكلىق مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشتىكى ئۈلگىلىك نۇقتا» «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ» قاتارلىق شان - شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى